ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى باشچىلىقىدىكى ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەگە يېتىپ باردى، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن 2-نۆۋەتلىك ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-18 08:59

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى باشچىلىقىدىكى ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەگە يېتىپ باردى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ. ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا ئەمەلىي ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزۈۋېتىپتۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى  ئوتتۇرا شەرققە F-35 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايرۇپىلاندىن 18 نى كۆپەيتىپ ئەۋەتتى. خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروشى شۇ كۈنى ئاراقچى بىلەن «چوڭقۇر تېخنىكا مۇزاكىرىسى»نى تاماملىدۇق، دېدى.

تەرجىمان:  گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى:  پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى باشچىلىقىدىكى ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شۋېيتسارىيەنىڭ جەنۋەگە يېتىپ باردى، ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن 2-نۆۋەتلىك ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى باشچىلىقىدىكى ئىران ۋەكىللەر ئۆمىكى 2-ئاينىڭ 16-كۈنى شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋەگە يېتىپ باردى، 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاسىتىلىك سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.