ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران كېيىنكى ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت رامكىسى تۈزمەكتە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى»، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-19 10:32

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى  2-ئاينىڭ 18-كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروسسى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «دەسلەپكى ھەم تۇتاش رامكا» تۈزۈۋاتىدۇ، دېدى. ئاق ساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى شۇ كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ئىران سۆھبىتىدە «بەلگىلىك ئىلگىرىلەش بولدى»، لېكىن ئىككى تەرەپنىڭ ھالقىلىق قارالمىلىرىدا يەنىلا «زور پەرق بار».
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ  2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ھازىر ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ دىپلوماتىيە سۆھبىتىدە بۆسۈش ھاسىل قىلىنىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئالامەت يوق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشىنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالغانلىقى توغرىسىدا نۇرغۇن  ئىسپاتلار بار.
ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى2-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش ۋاقىت جەدۋىلى قىسقىراۋاتىدۇ، دېدى. ئىسرائىلىيەلىك ئىككى خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، بەزى ئالامەتلەردە كەلگۈسى بىر نەچچە كۈندە ئىرانغا قارىتىلغان بىرلەشمە ھۇجۇم يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى كۆرسىتىلگەنلىكتىن، ئىسرائىلىيە مەملىكەت بويىچە ئېھتىيات دەرىجىسىنى ئۆستۈرگەن ھەمدە ئالاقىدار ھەربىي تەييارلىقلارنى تېزلەتكەن.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران كېيىنكى ئىران-ئامېرىكا سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن سۆھبەت رامكىسى تۈزمەكتە، ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش «قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى»، دېدى

ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى 2-ئاينىڭ 18-كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى گروسسى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، «دەسلەپكى ھەم تۇتاش رامكا» تۈزۈۋاتىدۇ، دېدى.