ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ئىراندا 200 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلدى، ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى، كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قورال ئىشلەتكەنلىكىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىرانغا ئاتالمىش «ئالدىن قول سېلىش»ھۇجۇمى قوزغىدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ نەچچە يۈز ھەربىي نىشانىغا ھۇجۇم قىلدى. ئىران ئارقىدىن قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى كۆپلىگەن ھەربىي بازىلىرى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئالاقىدار نىشانلىرىغا زەربە بەردى، جىددىي ۋەزىيەت كۆپلىگەن دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ دىققىتىنى قاتتىق قوزغىدى.
ئىران قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراننىڭ 24 ئۆلكىسى شۇ كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، قىزىل يېڭى ئاي جەمئىيىتىنىڭ 220 دىن ئارتۇق ھەرىكەت گۇرۇپپىسى بۇيرۇق كۈتۈش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ ھەمدە ھۇجۇم قىلىنغان نەق مەيداندا خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە 201 ئادەم ھۇجۇمدا قازا قىلدى، 747 ئادەم يارىلاندى. ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىدە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىراندىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە 150 دىن 160 قىچە ئادەم قازا قىلدى، دېدى.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە، ھەر قانداق پاراخوتنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
باش ئىستانسىمىزنىڭ ئىراننىڭ تېھراندىكى مۇخبىرى لى جيەننەن مۇنداق دېدى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا ئالدىن قول سېلىپ ھەربىي زەربە بەرگەندىن كېيىن، ئىرانمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي بازىلىرى ۋە ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتۇرما زەربە بەردى. ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى، ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىقلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ بايانات ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئىراننىڭ ئالىي ھەربىي قوماندانلىق مەركىزى بولغان ھاتەم ئانبىيا مەركىزى باش شىتابى بايانات ئېلان قىلىپ: ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى پۈتۈن ئىسرائىلىيە ھەمدە ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندىكى ھەر قايسى چوڭ ھەربىي بازىلىرىغا ئەجەللىك زەربە بەردى، دېدى. بۇ باياناتتا، ئىراننىڭ ھەربىي ھەرىكىتى تاكى دۈشمەننى ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ قىلغانغا قەدەر «ئۈزۈلدۈرمەي» ئېلىپ بېرىلىدۇ، دەپ تەكىتلەندى.
ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئىرانغا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئاز دېگەندىمۇ بىر ھەپتە داۋاملىشىدۇ، دېدى. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ بۇ قېتىمقى ھەرىكەت نەچچە كۈن داۋاملىشىشى مۇمكىن، دېدى.
ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى كەچتە: ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىيى بىلەن زوڭتۇڭى پېزېشكىيان ساق - سالامەت، دېدى. ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ شۇ كۈنى كەچتە سۆز قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئالامەتلەردىن ھامىنىيىنىڭ «قازا قىلغانلىقى»نى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، دېدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى خەۋەر ئېلان قىلىپ: ھامىنىيى قازا قىلدى، دېدى. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپمۇ ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى ھامىنىيى «ئۆلدى» ھەمدە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننى بومباردىمان قىلىشى يەنىلا داۋاملىشىدۇ، دېدى. ئىران ئالىي داھىيىسى ئىشخانىسىنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسئۇلى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئىران ئاممىسىنىڭ دۈشمەننىڭ پىسخىك ئۇرۇشىدىن چوقۇم ھوشيار بولۇشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 2-ئاينىڭ 28-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىشىگە يۈكسەك دىققەت قىلدى، ئىراننىڭ دۆلەت ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو ھەربىي ھەرىكەتنى دەرھال توختىتىپ، جىددىي ۋەزىيەتنىڭ يەنىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، سۆزلىشىش، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 2-ئاينىڭ 28-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا ھەربىي توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلەشكەنلىكىنى ئەيىبلىدى.
رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قوزغىغان ھاۋا ھۇجۇمى مەقسەتلىك ئالدىن پىلانلانغان، يولسىز قوزغىغان قوراللىق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىش، دەپ قارىدى.
فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون 2-ئاينىڭ 28-كۈنى: ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاپ، خەلقئارا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىككە ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلدى، دېدى. تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىراننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى تەرۇز يەتكۈزۈش قىلمىشىدىن چوڭقۇر «ئېچىنغانلىقى ۋە بۇنىڭغا دىققەت قىلىغانلىقى»نى بىلدۈردى ھەمدە ھەر قايسى تەرەپلەرنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، قانلىق توقۇنۇشنى توختىتىشقا دەۋەت قىلدى.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









