ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىران چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا 1700 قېتىمدىن ئارتۇق زەربە بەردۇق، دېدى، ئىران «چىن ۋەدە-4» ناملىق ھەرىكەتنىڭ 16ـ قېتىملىق ھۇجۇمىنى قانات يايدۇردۇق، دېدى. ئىراندىن چېكىنگەن 25 جۇڭگو پۇقراسى تۈركمەنىستاندىن ۋەتەنگە قايتىپ كەلدى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قوزغىغان ھەربىي زەربىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قوللانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىران تەۋەسىدىكى نىشانلارغا 1700 قېتىمدىن ئارتۇق زەربە بەردى.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىراننىڭ «بارلىق ھەربىي ئىقتىدارى ئاساسەن ۋەيران بولدى»، بۇ ھاۋا ئارمىيەسى، ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، رادار ۋە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسى تېز سۈرەتتە تۆۋەنلەۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپاس ساقلاش ئەسلىھەلىرى ۋە قويۇپ بېرىش سۇپىسىغا داۋاملىق زەربە بېرىۋاتىدۇ. نۆۋەتتە، ئىران «ھاۋادىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تەكشۈرۈش-ئۆلچەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىدى»، بۇنىڭدىن كېيىن «تېخىمۇ زور زەربىگە ئۇچرايدۇ».
ئامېرىكىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، رايون جىددىي ۋەزىيىتى داۋاملاشقانلىقتىن، ئەلچىخانا «مۇددەتسىز تاقىلىدۇ»، نورمال مەشغۇلاتنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىمىز، دېدى. بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ لىۋاندىن ئايرىلىش تەكلىپىنى بەردى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئىراننىڭ پايتەختى تېھران ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىسفاھاندىكى نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، ئىراننىڭ قورال-ياراق، بولۇپمۇ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان سانائەت ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردى. بۇنىڭدىن باشقا، ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەت باشلانغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى ھاۋا ئارمىيەسى ئىرانغا 4000 دىن ئارتۇق بومبا ئاتقان، ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش قۇرۇلمىسىدىن 300 نى ۋەيران قىلغان.
ئىراننىڭ پايتەختى تېھرانغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ لىۋان ئىشلىرىغا مەسئۇل «ئالىي قوماندانى»نى ئېتىپ ئۆلتۈردۇق، دېگەن. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيە لىۋاندا تۇرۇۋاتقان ئىران ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋەكىلىنىڭ 24 سائەت ئىچىدە لىۋاندىن دەرھال ئايرىلىشىنى، بولمىسا ھۇجۇم نىشانى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە «چىن ۋەدە-4» ناملىق ھەرىكەتنىڭ 16-قېتىملىق ھۇجۇمىنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە قىسمى نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنى ئىشقا سېلىپ، ئىسرائىلىيە چېگرىسى ئىچىدىكى نىشانلارغا زەربە بەردى.
بۇندىن باشقا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئىران قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككىنچى يۈرۈش «ساد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىغا تەگدى.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن تۆت كۈنلۈك توقۇنۇش مەزگىلىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى بىلەن ئىسرائىلىيە مەكتەپ، دوختۇرخانا، تەنتەربىيە مەيدانى، ئاشخانا ۋە توي مۇراسىمى سورۇنى قاتارلىق ئورۇنلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 700 دىن ئارتۇق ئىران پۇقراسىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ئۇندىن باشقا نۇرغۇن كىشىنىڭ يارىلاندۇردى، دېدى.
ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىشى ئېلىپ كەلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ئاقىۋىتىنىڭ كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.
ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى تەشكىلاتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: ناتالنز يادرو ئەسلىھەسى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار بۇ ئەسلىھەدە رادىيوئاكتىپلىق بۇلغىنىشنىڭ كېڭىيىپ كەتكەن كەتمىگەنلىكىنى تېخنىكىلىق باھالىدى، ھېچقانداق رادىيوئاكتىپ ماددا چىقىپ كېتىش ئالامىتى بايقالمىدى، نۆۋەتتە رادىيوئاكتىپ ماددىلارنىڭ بىخەتەرلىك ئەھۋالى مۇقىم ۋە كونترول قىلغىلى بولىدىغان ھالەتتە تۇرماقتا، دېدى.
تېھراننىڭ جەنۇبىدىكى قۇم شەھىرىگە جايلاشقان ئىران مۇتەخەسسىسلەر يىغىنى خىزمەت بىناسى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا ئالتە ئادەم قازا قىلدى، 30 ئادەم يارىلاندى. ھازىر نەق مەيداندا خارابىلىكنى تازىلاش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. خەۋەردار كىشىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ جايدا يىغىن ئېچىلمىغان. بىخەتەرلىكنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇتەخەسىسلەر يىغىنى باشقا ئۇسۇللار بىلەن نەق مەيداندا بېلەت تاشلاشقا ئۆزگەرتىلگەن. ئىراننىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن ئالىي داھىيىسى سايلىمى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى ياكى نامزاتلار ناھايىتى تېزلا ئېلان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىسپانىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا زەربە بېرىشىنى قوللىمىغاچقا، ئىسپانىيە بىلەن بولغان بارلىق سودا ئالاقىسىنى ئۈزىمىز، دېدى. ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكا چوقۇم ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشى كېرەك، دېدى.
جۇڭگونىڭ تۈركمەنىستاندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن كېيىن، تۇنجى تۈركۈمدە ئىراندىن تۈركمەنىستان چېگرىسىغا چېكىنگەن 25 جۇڭگو پۇقراسى ساراخېس چېگرا ئېغىزىدىن تۈركمەنىستان چېگرىسىغا ئارقا- ئارقىدىن كىرىپ، شۇ كۈنى كەچتە تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباد خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلگەن، 3-ئاينىڭ 4-كۈنى سەھەردە ھەممىسى ئايروپىلانغا چىقىپ دۆلىتىمىزگە قايتقان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









