رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ «شىمالىي قىسىم» توپى سۇمېي ئوبلاستىدىكى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلدى، ئۇكرائىنا ئۆتكەن بىر كۈندە ئالدىنقى سەپ رايونىدا 152 قېتىم توقۇنۇش يۈز بەردى، دېدى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى ۋىدىيو ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ «شىمالىي قىسىم» توپىنىڭ سۇمېي ئوبلاستىدىكى بىر ئاھالىلەر نۇقتىسىنى كونترول قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. رۇسىيەنىڭ «شىمالىي قىسىم» توپى سۇمېي ئوبلاستى بىلەن خاركوۋ ئوبلاستىنىڭ چېگرا رايونىدىكى بىخەتەر رايونغا باردى ھەم داۋاملىق ئىلگىرىلىمەكتە. ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىم باش شىتابى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئۆتكەن بىر كۈندە ئالدىنقى سەپ رايونىدا 152 قېتىم توقۇنۇش يۈز بەردى، دېدى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىناغا ئىچكىرىلەپ كىرىش غەرىزىنى توسۇۋاتىدۇ ھەمدە نۇرغۇن بۆلەكلەردە ئادەم كۈچى ۋە قورال-ياراغلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









