رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇكرائىنا ئەسلىدە كېلەر چارشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا ـ ئامېرىكا ـ رۇسىيە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى، دېدى
رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: رۇسىيە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا رۇسىيە، ئامېرىكا، ئۇكرائىنا ئۈچ تەرەپ سۆھبىتىنى داۋاملىق ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي شۇ كۈنى مۇنداق دېدى: ئەسلىدە كېلەر چارشەنبىدىن پەيشەنبىگىچە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇكرائىنا-ئامېرىكا-رۇسىيە ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى كېچىكتۈرۈلدى، سەۋەبى ئامېرىكا ۋاقىتنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ مەيدانى ئوخشىمىغاچقا، سۆھبەت ئورنى ھازىرغىچە بېكىتىلمىدى.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









