ئامېرىكا ئىككى ھەپتىدىن بۇيان ئىراننىڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق نىشانىغا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى، ئىران دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن 46 - قېتىم قايتۇرما زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتتى
3-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا ھەربىي زەربە بەرگىنىگە ئىككى ھەپتە بولدى. ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: شۇ كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراننىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىگە يېڭى بىر نۆۋەت «كەڭ كۆلەملىك زەربە بەردۇق» ھەمدە ئىراننىڭ غەربىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىش ئۈسكۈنىسى، مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە قورال ئىشلەپچىقىرىش ئورنى قاتارلىق نىشانلارغا زەربە بەردۇق.
ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كەچتە «ھەقىقىي ۋەدە-4»نىڭ 46- قېتىملىق قايتۇرما زەربىسىدە، نۇرغۇن ئېغىر تىپتىكى خىل ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئىشلەتكەنلىكىنى جاكارلىدى، ئاساسلىق نىشانى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى ئىكەن.
ئىران 3-ئاينىڭ 13-كۈنى يەنە بەھرەيىندىكى ئامېرىكا 5-فىلوتى بازىسىغا زەربە بەردى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى %70 ھەربىي بازىسىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ تەھدىت خاراكتىرىغا ئىگە بارلىق ھەربىي ئىقتىدارىنى ۋەيران قىلىشنى پىلانلىدۇق. ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنىڭ سانى «%90 ئازايدى». ئىككى ھەپتىدىن بۇيان، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ 15 مىڭدىن ئارتۇق نىشانىغا زەربە بەردى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى داۋاملىق قامال قىلىشىغا ئەگىشىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنا ئوتتۇرا شەرق رايونىغا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنى تېخىمۇ كۆپ يۆتكىگەن. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ: ئامېرىكا ئارمىيىسى كېلەر ھەپتە ئىرانغا كۈچلۈك ھاۋا ھۇجۇمى قىلىدۇ، دېدى.
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ غەربىدە چۈشۈپ كەتكەن ئامېرىكىنىڭ ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىدىكى 6 ئايرۇپىلان خادىمىنىڭ ھەممىسى قازا قىلدى، بۇنى دۈشمەن كۈچلەر ياكى دوست ئارمىيىنىڭ ئوت كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان دەپ دەسلەپكى قەدەمدە جەزىملەشتۈردۇق. ئىراق خەلق ئەسكەرلىرى قوراللىق كۈچلىرى «ئىسلام قارشىلىق تەشكىلاتى» شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ بىر ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جىلىبراند مۇنداق دېدى: ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئىراندىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى ھەمدە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېستىن سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن ئىستېپا بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.
ئىران زۇڭتۇڭىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى پايتەخت تېھراندا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا قاتناشتى. ئىراننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئاراقچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گەرچە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە «رەھىمسىزلەرچە» ھۇجۇم قوزغىغان بولسىمۇ، لېكىن ئىراننىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يەنىلا نەچچە مىليون كىشى يىغىلىشقا قاتناشتى، بۇ ئىران خەلقىنىڭ دۆلەتنى، پەلەستىن ئىشلىرىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى









