ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فىلوتىنىڭ نىشانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردۇق، دېدى؛ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق، دېدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-22 09:59

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «چىن ۋەدە-4» ناملىق ھەرىكەتنىڭ 72-قېتىملىق ھۇجۇمىنى قوزغاپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فىلوتىنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمدا ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى «قادىر» ۋە «ئىماد» قاتارلىق كۆپ تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى نىشانلارغا ھەمدە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 5-فىلوتىغا زەربە بەردى. باياناتتا يەنە مۇنۇلار بىلدۈرۈلدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەت مۇۋەپپىقىيەتلىك بولدى. دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئىراننىڭ ئۆز زېمىنىدىكى ھۇجۇم ۋە مۇداپىئە سىستېمىسى كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى يارىتىدۇ.
بۇندىن باشقا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئىران دېڭىز ئارمىيەسى نۇرغۇن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش شەكلىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئىشلىتىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى مىنھاد ھاۋا ئارمىيە بازىسى ۋە كۇۋەيتتىكى ئەلى سەلىم ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ ئەسلىھەلىرىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا- ئىسرائىلىيە ئايروپىلانلىرىنىڭ ئىسكىلاتى ۋە يېقىلغۇ ئىسكىلاتىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. ئىران بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىران ئارىلىغا قىلغان ھۇجۇم مۇشۇ بازىلاردىن كەلگەن، دېگەن ئىدى.
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ دەلىللىشىچە، ئىران 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيەنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەر دىموناغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمى قوزغىغان. شۇ جايدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا، بىر ئىمارەت ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 39 ئادەم يارىلانغان. دىمونا نېگېف قۇملۇقىغا جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىدا ئىسرائىلىيەنىڭ سەزگۈر يادرو ئەسلىھەسى بار.
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى: ئىسرائىلىيە شەھىرى دىمونانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتقا دىققەت قىلدۇق، دېدى. نۆۋەتتە شۇ جايدىكى نېگېف يادرو تەتقىقات مەركىزىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق خەۋەر يوق.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى كۆپلىگەن باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، دېدى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى ئاخبارات تارماقلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىغان نەچچە ئون ئۇنىۋېرسال ئەسلىھەسى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپچاسلىرىنى ساقلاش ئەسلىھەسى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا يېقىلغۇسىغا ئالاقىدار ئەسلىھە قاتارلىقلارغا زەربە بەردى. باياناتتا يەنە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ قۇرال ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زەربە بېرىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىدۇ، دىيىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا ئىسرائىلىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كاتىس شۇ كۈنى: كېيىنكى بىر ھەپتىدە ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش سالمىقىنى كۆرۈنەرلىك زورايتىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى يېقىندا ئىراننىڭ پايتەختى تېھراندىكى «يادرو قورالى بىرىكمە دېتالىنى تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئەسلىھەسىگە ھۇجۇم قىلدى، دېدى. شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكىئان ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن تېلېفونلاشقاندا، ئامېرىكىنىڭ «ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەتقىق قىلىپ ياسىشىنى توسۇش» مەقسىتىدىكى ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىش باھانىسىگە رەددىيە بېرىپ، ئىراننىڭ يادرو تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلىقى، تىنچلىق يادرو پائالىيىتىنى نازارەت قىلىشنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فىلوتىنىڭ نىشانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردۇق، دېدى؛ ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئىراننىڭ نۇرغۇن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىگە زەربە بەردۇق، دېدى

ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «چىن ۋەدە-4» ناملىق ھەرىكەتنىڭ 72-قېتىملىق ھۇجۇمىنى قوزغاپ، ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى 5-فىلوتىنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.