ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى فلورىدا شىتاتىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ۋىتكوف 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى شۇ كۈنى فلورىدا شىتاتىدا ئىككىنچى كۈنىدىكى سۆھبەتنى باشلىدى، بۇ قېتىمقى ئىجابىي سۆھبەت ئالدىنقى كۈنى قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەش ئاساسىدا داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇكرائىناغا قانداق قىلىپ ئۇزاققىچە ئىشەنچلىك بىخەتەرلىك رامكىسى ئورنىتىش مەسىلىسى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىزمىتى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىندى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









