ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە مەبلەغ ياردەم قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا زەربە بېرىمىز، دېدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋانغا ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-03-23 15:47

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزى تاقالمىدى، دېڭىز قاتنىشى داۋاملىق يۈرۈشىۋاتىدۇ، دېدى. ئەمما ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە ۋە ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتكە قاتناشقان باشقا ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پاراخوتلىرى، ئۈسكۈنىلىرى «قاتناشقا زىيان سالىدۇ»دەپ قارىلىدۇ، ئىران ئالاقىدار تەدبىرلەرگە ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ئىران ئىسلام پارلامېنتىنىڭ باشلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي بازىسىدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي خىراجىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدىغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىمۇ ئىراننىڭ «قانۇنلۇق زەربە بېرىش نىشانى». ئىران ئالاقىدار پۇل مۇئامىلە مۈلكىنىڭ يۆتكىلىشىنى كۈزىتىۋاتىدۇ ھەمدە بۇنى «ئەڭ ئاخىرقى ئاگاھلاندۇرۇش» دېدى.
ئىران قوراللىق قىسمى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئامېرىكىنىڭ ئىراننىڭ توك تارقىتىش ئىستانسىسىغا ھۇجۇم قىلىش تەھدىتى ئەمەلگە ئاشسا، ئىران دەرھال تۆت تۈرلۈك جازالاش تەدبىرىنى قوللىنىدۇ، بۇ ھورمۇز بوغۇزى ئىران زىيانغا ئۇچرىغان توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرىنى قايتا قۇرغانغا قەدەر تاقىلىدۇ؛ ئىسرائىلىيەنىڭ بارلىق توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى، ئېنىرگىيە ۋە خەۋەرلىشىش ئۇل ئەسلىھەلىرىگە كەڭ دائىرىدە زەربە بېرىدۇ؛ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ئامېرىكا پاي چېكىگە ئىگە بارلىق شىركەتلەرنى ئۈزۈل-كېسىل ۋەيران قىلىدۇ؛ رايون ئىچىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى بازىسى تەسىس قىلغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ توك تارقىتىش ئەسلىھەلىرى قانۇنلۇق زەربە بېرىش نىشانىغا ئايلىنىدۇ، دېگەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
نۇرغۇن ئىران تاراتقۇلىرى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىراننىڭ بىر ئەمەلدارى زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى بىر قىسىم ياراشتۇرغۇچى تەرەپ ئىرانغا ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپى بەردى، بىراق ئىران ئالتە تۈرلۈك شەرتنى چوقۇم قاندۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي بازىلىرىنى تاقاش؛ تاجاۋۇز قىلغۇچى تەرەپ ئىرانغا تۆلەم تۆلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دېدى.
ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى ئالدىنقى كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاندىكى ئۇرۇش ھۇجۇمىنى كېڭەيتىشىنى، جۈملىدىن لىۋاندىكى يەر يۈزى ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەستىقلىغان ئىدى. ئىسرائىلىيەنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى شۇ كۈنى لىۋاننىڭ كاسىمىر كۆۋرۈكىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، بۇ ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ئادەم ۋە قورال-ياراق توشۇشىنى توسۇش دېگەن. بۇ لىۋان-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى 3-ئاينىڭ بېشىدا ئىسرائىلىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم قوزغىشى بىلەن قايتىدىن پارتلىغاندىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى 5-كۆۋرۈككە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى.
لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئىن 3-ئاينىڭ 22-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن كۆۋرۈكلەرگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشى-ئۇرۇشنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە ئەۋجىگە چىقىشى»نى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ لىۋاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا تاجاۋۇز قىلغانلىق، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ يەر يۈزىدىن تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ بىشارىتى. لىۋان جېنجۇداڭى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋان جېنجۇداڭى شۇ كۈنى كەچقۇرۇن ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىغا راكىتامىيوت قويۇپ بېرىپ، مىرون ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ۋە كونترول قىلىش بازىسىغا زەربە بەردى، دېدى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىران ئامېرىكىنىڭ ھەرىكىتىگە مەبلەغ ياردەم قىلغان پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىغا زەربە بېرىمىز، دېدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى لىۋانغا ھۇجۇم قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىران دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ خەۋپسىزلىكى مەسىلىسى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ھورمۇز بوغۇزى تاقالمىدى، دېڭىز قاتنىشى داۋاملىق يۈرۈشىۋاتىدۇ، دېدى.