ئىران يېڭى تىپتىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق، دېدى؛ ئىسرائىلىيە ئىراننىڭ نېفىت خىمىيە ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىپ، ھەرىكەتنى يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈردۇق، دېدى
ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قوزغىغان ھەربىي زەربىسى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى 36-كۈنىگە قەدەم قويدى. ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ: «چىن ۋەدە-4»ناملىق ھەرىكەتنىڭ 95-قېتىملىق ھۇجۇمىنى قوزغىدۇق، دېدى. بۇ قېتىمقى ھەرىكەتنىڭ زەربە بېرىش نىشانى ئامېرىكىنىڭ كۇۋەيتتىكى «خىمارس» ناملىق كاتيۇشا قويۇپ بېرىش بازىسى، بەھرەيىننىڭ شىمالىدىكى «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىراننىڭ يېڭى تىپتىكى ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭ F - 35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى، MQ - 9 ۋە «خېرمېس» تىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تىپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ۋە ئىككى چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېتىپ چۈشۈردى.
ئىران بۇشىر ئۆلكىسىنىڭ ئەمەلدارى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇشىر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئەتراپىدىكى رايونلار يەنە بىر قېتىم ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، بۇ ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە-ئىران توقۇنۇشىدىن بۇيان يۈز بەرگەن 4-قېتىملىق ھۇجۇم بولۇپ، ھۇجۇمدا بىر ئامانلىق ساقلىغۇچى قازا قىلدى ھەمدە بىر قوشۇمچە قۇرۇلۇش زىيانغا ئۇچرىدى، لېكىن يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە تەسىر يەتمىدى.
ئىراننىڭ ئىلىم پەن مىنىستىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىراندا 30 داشۆ بىۋاسىتە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، داشۆنىڭ بەش پىروفېسسورى ۋە 60 نەچچە ئوقۇغۇچىسى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇمىدا قازا قىلدى.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىرانغا قارىتىلغان ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ ئاز دېگەندە MQ - 9 تىپلىق «جان ئالغۇچى» ناملىق 16 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىككىسى مۇشۇ ھەپتە ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەر بىر MQ-9 تىپلىق «جان ئالغۇچى» ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ياسىلىش قىممىتى تەخمىنەن 30 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئاپتوموبىل جەمئىيىتى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكىدا بېنزىننىڭ ھەر گاللوننىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 4.1 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. ئىگىلىنىشىچە، 2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە ئىرانغا زەربە بەرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدا بېنزىننىڭ باھاسى تەخمىنەن %37 ئۆسكەن.
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ مۇنداق دېدى: ئىراننىڭ %70 پولات تۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋەيران قىلىندى، ئىران ئىسلام ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمىنىڭ مەبلەغ مەنبەسى ئۈزۈپ تاشلىنىپ، «كەڭ كۆلەمدە قورال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى»دىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭدىن باشقا، نىتانىياخۇ 4-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى ئىراننىڭ نېفىت خىمىيە ئەسلىھەلىرىگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى دەلىللەپ، بۇ ئىراننىڭ سانائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنىڭ يەنىمۇ كۈچەيگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، دېدى.
ئىراق چېگرا ئېغىزىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ 4-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىدىكى ئىران بىلەن چېگرىلىنىدىغان سالام چېخ چېگرا ئېغىزى شۇ كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچراپ، بىر ئادەم قازا قىلغان، ئۇندىن باشقا بەش ئادەم يارىلانغان. ھازىر بۇ چېگرا ئېغىزى ۋاقتىنچە تاقالغان.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت









