ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ 3-نۆۋەتلىك سۆھبىتى ئاياغلاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-12 10:20

باش ئىستانسا مۇخبىرىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىسلامابادتا ئۆتكۈزگەن يەنە بىر قېتىملىق سۆھبىتى ئاياغلاشقان، ئىككى تەرەپ مۇتەخەسىسلىرى ئۆمىكى قاتناشقان ھەمدە يەنە بىر قېتىم ھۆججەت ئالماشتۇرغان.
ئىران تەرەپنىڭ خەۋىرىدە، ئىران بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتتە يەنىلا بىر قىسىم ئېغىر ئىختىلاپ مەۋجۇت، دېيىلدى.
نۆۋەتتە، ئىران بىلەن ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى مۇتەخەسسىسلەر دەرىجىلىك «يۈز تۇرانە» سۆھبەتلىشىش ۋە ھۆججەت ئالماشتۇرۇشنى تاماملىدى. 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا ئاقسارىيىنىڭ ئەمەلدارى ئامېرىكا، ئىران ۋە ياراشتۇرغۇچى تەرەپ پاكىستان ئىسلامابادتا يۈز تۇرانە سۆھبەتلەشتى، دېدى. بۇ 1979-يىلىدىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئالىي دەرىجىلىكلەر بويىچە يۈز تۇرانە ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
 تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
 سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有