ئامېرىكا ئامېرىكا بىلەن ئىران كېلىشىم ھاسىل قىلىشتىن بۇرۇن ئىرانغا بولغان قامالنى بىكار قىلمايدۇ، دېدى، ئىران سۆھبەتكە قاتناشماسلىق قارارىمىز تېخى ئۆزگەرمىدى، دېدى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەگەر ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختىتىش مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن ئىككى تەرەپ كېلىشىم ھاسىل قىلالمىسا، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىككى ھەپتىلىك مۇددىتىنى ئۇزارتىش مۇمكىن ئەمەس، دېدى. ترامپ مۇنداق دېدى: مەن 4-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلان قىلغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ۋاقتى «ۋاشىنگتون ۋاقتى 4-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە» توشىدۇ، كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئىراننى دېڭىزدا قامال قىلىشنى توختاتمايمىز.
ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ۋانس 4-ئاينىڭ 20-كۈنى پاكىستانغا يېتىپ باردى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەت 4-ئاينىڭ 21-كۈنى باشلىنىدۇ. بىراق ئىران تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك سۆھبەتكە قاتناشماسلىق قارارى تېخى ئۆزگەرمىگەن.
ئىراننىڭ ئالىي داھىسى مۇجتابا ھامىنىيى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى «ئۇرۇش تۆلىمى» تەلەپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئاساسىي مەيدانىنى قايتا تەكىتلەپ، دۆلەتنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مۇجتابا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىران ئۆزىگە ھۇجۇم قوزغىغان مەسئۇل تەرەپنى سۈرۈشتۈرىدۇ ھەمدە ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان زىياننى تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ، ھورمۇز بوغۇزىنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ يوللۇق ھوقۇقىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ ھەمدە مەزكۇر رايوندىكى بارلىق «قارشىلىق فرونتى»نى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ.
ئىراننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان نۆۋەتتە ئىراننىڭ سۆھبەتكە قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، پائال ياراشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قاراتقان دېڭىز قامىلىنى بىكار قىلىشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولماقتا ئىكەن.
خەلقئارا دېڭىز ئىشلىرى تەشكىلاتىنىڭ باياناتچىسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ھورمۇز بوغۇزى ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىنىڭ ۋەزىيىتى يەنىلا داۋالغۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتىدۇ، يېقىن ئەتراپتىكى پاراخوتلار «ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئېھتىيات»نى ساقلىشى، بىخەتەرلىك كاپالىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئەھۋالدا ھەرگىز تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىقى كېرەك، دېدى.
ئامېرىكا مەركىزى قوماندانلىق شىتابى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئىران پورتىغا كىرىپ چىقىدىغان ۋە دېڭىز بويى رايونلىرىدىكى پاراخوتلارنى قامال قىلىش باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكا ئارمىيەسى 27 پاراخوتنى كەينىگە يېنىشقا ياكى ئىران پورتىغا قايتىشقا بۇيرۇق قىلدى، دېدى. ئەنگىلىيەنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراننىڭ سۇ تىرانسىپورتىغا چېتىشلىق ئاز دېگەندىمۇ 26 پاراخوت ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ قامىلىنى بۆسۈپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلدارى: ئامېرىكا ئارمىيەسى ئالدىنقى كۈنى ئومان قولتۇقىدا ئىراننىڭ يۈك پاراخوتىدىكى قورال كۈچى بىلەن تۇتۇپ قېلىنغان ماتروسلار پات ئارىدا ئىرانغا قايتىدۇ، دېگەن.
ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى ھورموزگان ئۆلكىسىدىكى باش سودىيە 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنداق دېدى: ئىران خەلقئارا ئورگانلارغا مىناب باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراش ۋەقەسى توغرىسىدا نەچچە يۈز بەتلىك تەپسىلىي دوكلات تاپشۇردى ھەمدە ئەدلىيە ئورگانلىرى «بۇ ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلغۇچىلارنى تاكى قانۇن بويىچە جازالانغانغا قەدەر داۋاملىق سۈرۈشتۈرىدۇ»، دېدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە بۇ باشلانغۇچ مەكتەپكە ھۇجۇم قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەم قازا قىلغان ئىدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









