ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-21 16:02

ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 23-كۈنى  دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن. ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدا لىۋان جېنجۇداڭىنىڭ نۇرغۇن ئەزاسىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى باياناتىدا، جېنجۇداڭنىڭ بۇ ئەزالىرى «ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلدى» ھەمدە ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە تەھدىت سالدى، دېدى.  لىۋان جېنجۇداڭى ھازىرچە بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرمىدى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى 2-نۆۋەتلىك باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ

ئىستانسىمىز مۇخبىرىنىڭ 4-ئاينىڭ 20-كۈنى ئىگىلىشىچە، ئامېرىكا 4-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىدە ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق باش ئەلچى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلىدىكەن.