ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-05-13 15:43

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى فارخان مۇنداق دېدى: بىز جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىجابىي سۆزلىشىشىنى ئالقىشلايمىز، ئىككى تەرەپنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىش يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىنى كۈتمەكتىمىز. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدە، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەت جەھەتتىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىشى دۇنياغا پايدىلىق.
دۇنيا سودا مەركىزى جەمئىيىتى كېڭىشىنىڭ رەئىسى دېرۇ جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق دەپ قارىدى.
يەر شارى سودىسى ئېنىقسىزلىققا دۇچ كېلىۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكىنىڭ سودا-سانائەت ساھەسىدىكىلەر جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سەمىمىي، بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسى ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە يەر شارىغا گۈللىنىش ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ئامېرىكا روبېرت مورىس داشۆسىنىڭ ئالىمى مورېت مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى پات ئارىدا باشلىقلار ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزىدۇ، بۇ، يەر شارىغا نىسبەتەن خۇشخەۋەر، نۆۋەتتىكى داۋالغۇش بولۇۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئىنتايىن مۇھىم، پۈتۈن دۇنيا ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىنى كۈتمەكتە. مەن ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ دۇنياۋى خىرىسلارغا ھەقىقىي تاقابىل تۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
جەنۇبىي ئافرىقا جوھاننىسبۇرگ داشۆسى ئافرىقا-جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئېنكارا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچرىشىش ئىنتايىن مۇھىم، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭغا يۈكسەك كۆڭۈل بۆلمەكتە. ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى

خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگو-ئامېرىكا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم راۋاجلىنىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور، بىز ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنىڭ دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز دېدى.