ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامىغا ئىزاھات

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 09:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»نى چىقاردى. 2016-يىلى تۈزۈپ چىقىرىلغان «جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»غا سېلىشتۇرغاندا، يېڭى نىزامدا مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلدى.

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى نىزامدا كۆپەيتىلگەن «ھوقۇق بىلەن مەسئۇلىيەت بىردەك بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئېنىق ئايرىش» قاتارلىقلار جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش پىرىنسىپى قىلىندى؛ پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى، بەنزە ئەزالىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېنىق ئايرىلدى؛ پارتىيە تەشكىلاتى ۋە رەھبىرى كادىرلاردىن مەسئۇلىيەتنى دادىل ئۈستىگە ئېلىش، دادىل مەسئۇل بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تۆۋەنگە ئىتتىرمەسلىك، پارتىيە تەشكىلاتىدىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە مەسئۇل بولغان رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىنمۇ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەتلىك رېۋىزىيە كومىتېتى قائىدە-نىزام ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى زۇ كەيخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ بەلگىلىمىدە روشەن مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەش گەۋدىلەندۈرۈلدى. ئاساسلىقى-ئەمەلىيەت داۋامىدا ساقلانغان مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىش، تۆۋەن دەرىجىلىك ئورۇننىڭ ئۆزىنىڭ ئورنىدا تۈزىتىپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش جاۋابكارلىقىنى ئاددىيلا سۈرۈشتۈرۈش مەسىلىسىگە قارىتىلدى. پارتىيە تەشكىلاتىدىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەسئۇل بولغان رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرىدىنمۇ جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، ئاساسلىقى ئەمەلىيەت داۋامىدا كوللېكتىپ مەسئۇلىيەتنى شەخسىي مەسئۇلىيەتنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش مەسىلىسىگە قارىتىلدى. بۇ- جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا ئۈنۈملۈك سۈرۈشتۈرۈشكە پايدىلىق.

يېڭى نىزامدا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تەرتىپى كۆپەيتىلىپ، باشلاش، تەكشۈرۈش، دوكلات، تەستىقلاش، يولغا قويۇش قاتارلىق تۈرلۈك ھالقىلاردىن جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇلدى.

زۇ كەيخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ-تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇس سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆلچەمنى ئىگىلەش بىردەك بولماسلىق، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش يۈزەكى بولۇش، قالايمىقان پايدىلىنىش، ئۆز مەيلىچە قىلىۋېلىشتىن ساقلىنىشقا پايدىلىق.

زۇ كەيخۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتىكى بىر گەۋدىلىك ئالاھىدىلىك شۇكى، نىزامدا جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، جاۋابكارلىقنى دەل جايىدا سۈرۈشتۈرۈش يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ-قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ناھايىتى ياخشى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى. بۇ-كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋردە مەسئۇلىيىتىنى ئاكتىپ ئۈستىگە ئېلىشىدا ئىلھاملاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.


中央广播电视总台 央广网 版权所有