ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 09:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن سۆھبەتلەشتى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : گېرمانىيە جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى.جۇڭگو گېرمانىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ.بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ سىز بىلەن كۆرۈشىدۇ.نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادى تۆۋەنلەش بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى جۇڭگو- ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگىمۇ پايدىلىق.جۇڭگو ياۋروپاغا ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشى كېرەك.جۇڭگونىڭ بازارنى ئېچىۋېتىش يۆنىلىشىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كېڭەيتىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، چەت ئەل مەبلىغىنى قارشى ئېلىش سىياسىتىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ،بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىدۇ.گېرمانىيەنىڭ ئوخشاشلا بازارنى ئېچىۋېتىشىنى ساقلاپ،پۇقراۋى تېخنىكا ئېكسپورتىغا چەك قويۇشنى قويۇۋېتىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىغا ئادىل مۇئامىلە قىلىپ، ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياشلار ۋە كەسپىي مائارىپ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى : گېرمانىيەنىڭ زۇڭلىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن 12-قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.جۇڭگو غايەت زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، 2008-يىللىق خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشتا مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن دۇنياغا غايەت زور تۆھپە قوشتى.باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش، جۇڭگو ئوخشاشلا تەرەققىيات ھوقۇقىغا ئىگە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىق كېرەك.گېرمانىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقى ئىنتايىن كەڭ، ياۋروپا-جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق تاماملاشنى ئۈمىد قىلىمەن، كېلەر يىلى جۇڭگودا يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە-جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشى ئۆتكۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.گېرمانىيە جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە، سۇغۇرتا، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردە قوللانغان ئېچىۋېتىش تەدبىرلىرىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئاپتوموبىلنى ئاپتوماتىك ھەيدەش،شىفىرلاشتۇرۇش، كەسپىي مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، لى كېچياڭ بىلەن مېركېل كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا گۇۋاھ بولدى ھەمدە بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

سۆھبەتتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا مېركېلنى قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لى كېچياڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا مېركېل ئۈچۈن ناشتىلىق زىياپەت ئۆتكۈزدى، ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى، خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى قاتارلىق كەڭ قارالمىلاردا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有