ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 14:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كومىتېتنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى كوزاك بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ 16- قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 6-ئايدا، جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرى 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو- رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەن جېڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش، سودىدا يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى ھەر تەرەپلىمە بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تۈرى ھەمكارلىقىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان سىياسەت، تۈزۈم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى ۋە كارخانىلىرى ئىلمىي تەتقىقاتنىڭ ھەر قايسى قاتلىمىدا قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پەن-تېخنىكا، ئۆلچەم، ئىختىساسلىقلار، ئۇچۇر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كوزاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىگە ئەڭ زور مەدەت بېرىشىنى قارشى ئالىدۇ.

يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىق توغرىسىدا بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. ئىككى تەرەپ يىغىن ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 24-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا قوشۇلدى.

خەن جېڭ بىلەن كوزاك «جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنى خاتىرىسى»نى ئىمزالىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有