ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتى ئومۇميۈزلۈك+نىشانلىق تۆۋەنلىتىلىپ،

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 14:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق بانكىسى9-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك 0.5 پوئىنتى تۆۋەنلىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە نورمىدىن سىرت نىشانلىق ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى 1 پوئىنتى تۆۋەنلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىلىشتىن ئۇزۇن مۇددەت مەبلەغدىن تەخمىنەن 900 مىليارد يۈەن قويۇپ بېرىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك تۆۋەنلىتىش مەبلىغىدىن تەخمىنەن 800 مىليارد يۈەن، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىلىش مەبلىغىدىن تەخمىنەن 100 مىليارد يۈەن قويۇپ بېرىلىدۇ. بازار ئومۇميۈزلۈك مۇنداق دەپ قارىدى : بۇ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش مەبلەغ مەنبەسىنى ئۈنۈملۈك ئاشۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىدىغان شەھەر سودا بانكىلىرىنىڭ كىچىك، ئۇششاق، پۇقراۋى كارخانىلارنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى-ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشقا پايدىلىق.

دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىخانىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى دۇڭ شىمياۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى تۆۋەنلىتىش پۇل سىياسىتىنىڭ قۇرۇلمىلىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى، بۇ بىر قېتىملىق نىشانلىق تەڭشەپ- تىزگىنلەش. شەھەر سودا بانكىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندىنى نىشانلىق تۆۋەنلىتىش ئارقىلىق، بىر قەدەر تۆۋەن ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى يولغا قويغاندا، نورمىدىن سىرت قىسمەن ئۇزۇن مۇددەتلىك يۆتكىلىشچانلىقنى قويۇپ بېرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ قەرزىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا بۇ قەرز تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك بانكىلارنىڭ يۆتكىلىشچانلىق چەكلىمىسى ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ چەكلىمىسىنى يەنىمۇ پەسەيتىشكە پايدىلىق.

خەلق بانكىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش-پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادنى قوللاش مەبلەغ مەنبەسىنى كۆپەيتىپلا قالماي، يەنە بانكىلارنىڭ مەبلەغ تەننەرخىنى ھەر يىلى تەخمىنەن 15 مىليارد يۈەن تۆۋەنلىتىدۇ، بانكىلارنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق قەرز پۇلنىڭ ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.

شيامېن داشۆسى ئىقتىساد شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى خەن چيەن مۇنداق دەپ قارىدى: كاپىتال بازىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامانەت پۇل تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش خەۋىرى بازار ئىشەنچىسىنى كۈچلۈك ئۇرغۇتىدۇ. ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى پەسەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەبلەغ تەننەرخىنىڭ تۆۋەنلىشى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، مۈلۈك قىممىتى مۆلچىرىنى ئۆستۈرۈپ ، پاي چېكى بازىرىغا پايدا يەتكۈزىدۇ.

خەلق بانكىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، بېسىپ سۇغىرىشنى يولغا قويماي، نىشانلىق تەڭشەش- تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىچكى-تاشقى تەڭپۇڭلۇققا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق، يۆتكىلىشچانلىقنىڭ يېتەرلىك ھالىتىنى ساقلاپ، كەڭ مەنىدىكى پۇل M2 ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن نامدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ماسلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئۈچۈن مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى يارىتىمىز.


中央广播电视总台 央广网 版权所有