ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4- قېتىملىق كۆزىتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 14:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتى سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مەركەزلىك كۆزىتىش خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مۇنۇلار تەكىتلەندى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش فۇنكسىيەسىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەشتە، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا جۈرئەت قىلىپ، مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: سىياسىي كۆزىتىشنىڭ مەزمۇنى ۋە تەلىپىنى توغرا ئىگىلەپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت يۈكلىگەن مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىنىڭ روھىغا، كۆزىتىلگەن ئورۇنلارنىڭ «ئۈچنى بېكىتىش» بەلگىلىمىسىگە سېلىشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى، كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش، باش تېما تەربىيەسىدە تۈزىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش كېرەك.

جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىش بىلەن كۈندىلىك نازارەتچىلىكنى چىڭ تۇتۇپ، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاش، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، باش تېما تەربىيە نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «چىرىكلىشىشكە جۈرئەت قىلماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق» بىر گەۋدىلەشكەن خىزمەت ئەندىزىسىگە كىرگۈزۈش ۋە سىڭدۈرۈش كېرەك. كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىغا يېقىندىن تايىنىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كۆزىتىش نازارەتچىلىكى بىلەن ئىنتىزام نازارەتچىلىكى، رېۋىزىيە نازارەتچىلىكى، ۋاكالەت ئورۇنلىرى نازارەتچىلىكى، ئىقتىسادىي تەپتىش نازارەتچىلىكى، ئامما نازارەتچىلىكى قاتارلىقلارنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. كۆزىتىش قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىشنىڭ ئىناۋىتىنى قوغداش كېرەك.

ياڭ شياۋدۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، چېن شى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى باشلىقىغا ۋەزىپە ئۆتەش ھوقۇقى بېرىش ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى.

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-نۆۋەتلىك كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا، يەنە 15 مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى بۇ قېتىم كۆزىتىدىغان 37 مەركەز ۋە دۆلەت ئورگىنى ئورۇنلىرى پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىسىملىكى ئېلان قىلىندى.










中央广播电视总台 央广网 版权所有