ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىشنى تېزلىتىشى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 14:51

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مالىيە مىنىستىرلىقى9-ئاينىڭ 6-كۈنى مەخسۇس ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا 9-ئاينىڭ 4-كۈنى بېكىتىلگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تارقىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەرنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى.

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ خۇڭسەينىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، 2019-يىلى ئورۇنلاشتۇرۇلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرز نورمىسى 3 تىرىليون 80 مىليارد يۈەن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئادەتتىكى قەرز نورمىسى 930 مىليارد يۈەن، مەخسۇس قەرز نورمىسى 2تىرىليون 150 مىليارد يۈەن بولغان. 1-ئايدىن 8-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە جايلار تارقاتقان يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت زايومى 2 تىرىليون 895 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ ، 2019 - يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن يەرلىك ھۆكۈمەت قەرزىنىڭ %94 ىنى ئىگىلىگەن، تارقىتىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 34 پوئىنتى ئۆسكەن.

گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىل نورما ئىچىدە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مەخسۇس زايومىنى 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تولۇق تارقىتىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەممىسىنى تۈرلەرگە ئاجرىتىپ بېرىشى، جايلارنىڭ ماددىي خىزمەت مىقدارىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ماۋ جيې مۇنداق دېدى: كېلەر يىلى بىر قىسىم يېڭىدىن كۆپەيگەن نورمىنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈش ئارقىلىق، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن پىلانلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، زايوم تارقىتىش، بازارغا سېلىشقا ئالاقىدار تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، كېلەر يىلنىڭ بېشىدا زايوم ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى كۆرۈشكە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

مەخسۇس زايومنىڭ مەبلەغ سېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس قەرز خەۋپ-خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، مەخسۇس زايوم مەبلىغىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟ مالىيە مىنىستىرلىقى خامچوت مەھكىمىسىنىڭ كۆزەتكۈچىسى ۋاڭ كېبىڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈلىدىغان كېلەر يىللىق مەخسۇس زايومنىڭ بىر قىسىم يېڭىدىن كۆپەيگەن نورمىسىدا، مەبلەغنى يېتەكچى قىلىپ، ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى شەكىللەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىمىز.

ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈر زاپىسىنى كۈچەيتىپ، تۈرنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، تۈرلۈك تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئادا قىلىپ، ياخشى تۈرلەرنى تاللاش كېرەك، ھەرگىزمۇ ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدىمەسلىك، چالا ئىش قىلماسلىق، تۈر قۇرۇلۇشىدا ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有