ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 15:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ رەئىسى خەن جېڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، كومىتېتىنىڭ رۇسىيە تەرەپ رەئىسى كوزاك بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە جۇڭگو رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقى كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 6- ئايدا، جۇڭگو-رۇسىيە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە سودا مۇنبىرىگە بىۋاستە قاتنىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا ئوينىغان مۇھىم رولىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خەن جېڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈچ تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، ئىككى تەرەپ كارخانىلىرى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، سودىدا يولغا قويۇشقا بولىدىغان بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-رۇسىيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، ئېنېرگىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى ھەر تەرەپلىمە بىر گەۋدىلەشكەن ھەمكارلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ئىككىنچى، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە تۈرى ھەمكارلىقىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان سىياسەت خاراكتىرلىق، تۈزۈم خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنى چوڭقۇر رەتلەپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تېخىمۇ ياخشى سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك. ئۈچىنچى، ئىككى تەرەپ ھۆكۈمەتلىرى، كارخانىلىرى،ئىلىم، تەتقىقاد ساھەلىرى ھەر قايسى قاتلامدىن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، پەن- تېخنىكا، ئۆلچەم، ئىختىساسلىقلار، ئۇچۇر قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

كوزاك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلىك بولدى. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ئېنېرگىيە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە بازىرىغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇھىم ھەمكارلىق تۈرلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشىنى قارشى ئالىدۇ.

يىغىندا ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىق نەتىجىلىرى خۇلاسىلەندى ھەمدە كېيىنكى قەدەمدىكى ھەمكارلىقتا بىر قاتار ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى. ئىككى تەرەپ يىغىندا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يىل ئىچىدە ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرىنىڭ 24-قېتىملىق قەرەللىك ئۇچرىشىشىغا ياخشى تەييارلىق قىلىشقا قوشۇلدى.

يىغىندىن كېيىن خەن جېڭ بىلەن كوزاك «جۇڭگو-رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 16-قېتىملىق يىغىن خاتىرىسى»نى ئىمزالىدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有