ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنىنى رىياسەتچىلىك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 15:34

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 26-قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسى كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ھەققىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئۆگىنىلدى، يەتكۈزۈلدى، ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يېڭى دەۋردە خەلق سىياسى كېڭىشى ئىشلىرى تەرەققىيادىغا تۈرتكە بولۇش، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا يەنىمۇ يۆنىلىش كۆرسىتپ بەردى، تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، ئۇنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

يىغىندا خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرگە تەييارلىق كۆرۈش، تەشكىللەش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرسىدىكى تەسىرى كۈچى بار مۇھىم تەكلىپ لايھە ئىسىملىكى قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى، ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ئالاقىدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشتا، سياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، يىغىن پائالىيەتلىرىگە تەييارلىق كۆرۈپ، ياخشى تەشكىللەپ، مەركەزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ياخشى تەشۋىق قىلىپ، ياخشى خەۋەر قىلىپ، جىددىي خىزمەت ھالىتى، ئەمەلىي خىزمەت ئىستىلى، ئىنچىكە خىزمەت تەدبىرى بىلەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خوشال خورام كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھىرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەشكە ياخشى كەيپىياد يارىتىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا كوللىكتىپ ئۆگىنىش قىلىندى، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يولداش ليۇ لېخوڭ تەكلىپكە بىنائەن« نۆۋەتتىكى تور بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش» دېگەن تېمىدا كونسۇلتاتسىيە دوكلاتى بەردى.

ۋاڭ ياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنتېرنېتقا ئىنتىلىش دەۋر ۋەزىيىتىنىڭ تەقاززاسى، شۇنداقلا خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ئۆتكەن يىلدىن بۇيان، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزالار كۆچمە ۋەزىپە ئادا قىلىش سۇپىسىنى ئېچىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى توردا مۇھاكىمە قىلىش، يىراق مۇساپىلىق كېڭىشىش پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئىنتېرنېتنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ كېڭىشىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق ياراتتى. 2000غا يېقىن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى كۆچمە ۋەزىپە ئادا قىلىش سۇپىسىدا12مىڭدىن ئارتۇق پىكىر تەكلىپ بېرىپ، توردا يۈزتۇرانە كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، تور بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاقىل سىياسىي كېڭەش، رەقەملىك سىياسىي كېڭەش، تور سىياسىي كېڭىشىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئەزالارنى ئىدىيەسىنى مەڭگۈ توردا ئىپادىلەش، ئەقىل پاراسىتىنى توردا تۇتاشتۇرۇش، ئالاقىسىنى مەڭگۈ ئۈزمەسلىك ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، تور ئىچى ۋە سىرتىدا مەركەزداش چەمبەر ھاسىل قىلدى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有