ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە پۈتۈشۈلگەن تۈر 362 گە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىنىڭ تۈر ئىمزالاش مۇراسىمى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى نىڭشيانىڭ يىنچۈەن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ئىمزالانغان تۈر جەمئىي 362 گە، پىلاندىكى سېلىنىدىغان مەبلەغ ۋە سودا ئومۇمىي سوممىسى 185 مىليارد 420 مىليون يۈەنگە يەتتى.

ئىمزالانغان بۇ تۈرلەر زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، كەسىپ باغچىسى قۇرۇلۇشى، ئالاقە تورى قوشۇلغان داۋالاش، ساغلاملىق، ساياھەت ھەمكارلىقى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىدە، «تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھىرلىنىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»غا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش تەشەببۇس قىلىندى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىققا دىققەت مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈم گەۋدىلەندۈرۈلدى. 89 دۆلەت، 107 كۆرگەزمە ئۆمىكى، 2900 دىن ئارتۇق رايون تەشكىلاتى، سودا جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلىي ئاپپارات ۋە كارخانا باشلىنىش يىغىنى، سەككىز تۈرلۈك كۆرگەزمە ۋە مەبلەغ سېلىش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى، تۆت تۈرلۈك يىغىن مۇنبىرى ۋە باش تېمىلىق جياڭسۇ ئۆلكىسى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، سودا مەبلەغ سېلىش، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا، ئالاقە تورى قوشۇلغان رەقەملىك ئىقتىساد، ئۇل ئەسلىھە، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قاتارلىق بىر يۈرۈش ئۇدۇللاشما كېڭىشىش ھەم كەسىپ تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى كۆرگەزمىسىنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى، جۇڭگو-ئەرەب ئەللىرى ئورتاق ئۆتكۈزۈش، رايون بىرلىكتە ئۆتكۈزۈش مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارالاشقان سۇپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى.



中央广播电视总台 央广网 版权所有