ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭدا ئەتىيازلىق تېرىلغۇدا زامانىۋى تېخنىكا ئىشلىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى تۇرۇشلۇق شىخەنزە شەھىرىدىكى كېۋەزلىكتە شوپۇرى يوق بىر تىراكتورنىڭ ئۆزى مېڭىپ يۈرگەنلىكى، رولىنىڭ ئاپتوماتىك تەڭشىلىپ، ناھايىتى ئۆلچەملىك يۈرۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى، بۇ-يەتىكەن يول باشلاش يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئاپتوماتىك ھەيدەش سىستېمىسى ئورنىتىلغان «ئالاھىدە تېرىش ماشىنىسى» ئىدى، ئۇ بىر كۈندە 150 مو يەرگە كېۋەز تېرىيالايدۇ.

ئالاھىدە كېۋەز تېرىش ماشىنىسىنىڭ سىستېمىسى مۇنداق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ: 1-قىسمى تىراكتورغا ئورنىتىلغان، 2-قىسمى سۈنئىي ھەمراھ سانلىق مەلۇمات مۇلازىمەت پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، 3-قسىمى ئالەم بوشلۇقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان سۈنئىي ھەمراھقا ئورنىتىلغان. بۇ سىستېما سۈنئىي ھەمراھنىڭ ئورۇن بەلگىلىشى، مېخانىكىلىق كونتىرول قىلىش، ئىنېرتىسىيەلىك يول باشلاش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، مەشغۇلات قىلغاندا يېزا ئىگىلىك ماشىنىسىغا پىلانلانغان لىنىيە بويىچە، مېڭىش يۆنىلىشىنى ئاپتوماتىك تەڭشىتىدۇ.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى 150-تۈەنىدىكى پاختا تېرىغۇچى ما دۇڭخەي مۇنداق دېدى: يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسىنىڭ ئەڭ پايدىلىق تەرىپى شۇكى، ماشىنا ئۇدۇل مېڭىپ، كېۋەز ئارىلىقى ۋە قۇر ئارىلىقىنى ئاساسەن 66 سانتىمېتىر ۋە ئون سانتىمېتىردا كونتىرول قىلىدۇ، بۇرۇنقى ئەنئەنىۋى تېرىش ئۇسۇلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ھەم يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ئۆستى ھەم ئادەم كۈچى راھەتكە چىقتى. ما دۇڭخەي مۇنداق دېدى: ھازىرقى ئۈنۈمى بەك يۇقىرى، بىر كۈندە 130 مو ئەتراپىدا تېرىيالايدۇ. مەشغۇلاتنىڭ توغرىلىقى يۇقىرى بولغاچقا، تەكرار مەشغۇلات قىلىش ياكى بىكار تاشلىنىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ، يەردىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى %3 تىن %5 كىچە، مەشغۇلات مىقدارى %30 تىن %50 كىچە ئۆستى.

28 ياشلىق ۋاڭ پېڭ، جياڭ جىنيۈ، 29 ياشلىق ما جۈنخۇي شىخەنزىلىك، بۇ ئۈچەيلەن بىللە ئويناپ چوڭ بولغان، بىڭتۇەندىكى 3-ئەۋلاد كىشىلەر. ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ سىرتلاردا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن، ئۇلار بىڭتۇەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ زور تەرەققىياتىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن تېزدىنلا ئىگىلىك تىكلەشنى قارار قىلدى. بۇ ئۈچەيلەن 200 مىڭ يۈەن جۇغلاپ، ئۇچۇپ مەشغۇلات قىلالايدىغان ئۆسۈملۈك ئاسرىغۇچى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن ئۈچنى سېتىۋالدى. جياڭ جىنيۈ پەن-تېخنىكىغا قۇچاق ئېچىش-دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، بىز چوقۇم دەۋرنىڭ رېتىمىغا يېتىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك دېدى.

بۇ خىل ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 30 جىڭ دېھقانچىلىق دورىسىنى ئېلىپ 20 مىنۇت ئۇچالايدۇ، 20 مو يەرگە دورا پۈركۈيەلەيدۇ، كېۋەزنىڭ كۈندىلىك پەرۋىشىدىكى ئەۋزەللىكى ناھايىتى كۆرۈنەرلىك.

بۇلتۇر 8-شى تۇرۇشلۇق شىخەنزىدىكى كېۋەز تېرىلغۇ كۆلىمى ئۈچ مىليون 800 مىڭ موغا يېقىنلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مىليون موسى يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق تېرىلغان. يەنە كۈزدىكى كېۋەز يىغىۋېلىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش نىسبىتىمۇ %80 كە يېقىنلاشتى، بىر ماشىنا بىر كۈندە ئىككى مىڭ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئىشىنى قىلدى، بۇنىڭ بىلەن، كۆپ يىل بۇرۇنقى كېۋەز يىغىش چوڭ قوشۇنىنى بۇندىن كېيىن يەنە كۆرگىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ نەق مەيدانىدا، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىدىغان ئىلغار پەن-تېخنىكىلار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: ھازىر شىخەنزىدە شىنجاڭدىكى بىر يەرلىك كارخانا ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان «سۇلياۋ يوپۇق ئاستىدا تېمىتىپ سۇغىرىپ سۇ تېجەش» تېخنىكىسى ئومۇملاشقان بولۇپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئىلغار يېزا ئىگىلىكىدىكى سۇ تېجەش تېخنىكىسى ئاۋاملاشتۇرۇلۇپ، پارنىكتىن ئېتىزلىققا يېتىپ باردى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有