ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مېركېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە ۋەكىللەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى جۇڭگو - گېرمانىيە ئىقتىساد مەسلىھەتچىلەر كومىتېتىنىڭ سۆھبەت يىغىنى ئىلگىرىكى يىللاردىن بۇيانقى ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى ئەڭ كۆپ قاتناشقان بىر قېتىملىق يىغىن بولۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىي نەتىجىلەرنىڭ سىجىل توپلىنىۋاتقانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. جۇڭگو-گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ داۋاملىق راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش سەمىمىيىتى بار، كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋاتىدۇ، ياسىمىچىلىق ئومۇميۈزلۈك قويۇۋېتىلدى، پۇل مۇئامىلە ۋە مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىشمۇ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن كارخانىلىرى بۇنىڭدىن نەپكە ئېرىشتى.گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش يوللىرىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە گۈللەنمە تېخنىكا ئۆلچىمىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قاتتىق قوغداپ،جۇڭگو ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىغا بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش، ھەرقايسى ئەللەر خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇش، ئەركىن سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۆزئارا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى تەرەپكە پايدىلىق، شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق. گېرمانىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بىرىگە مېڭىپ، بازار ئىجازىتى جەھەتتە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىپ، يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ساھەسىدە چەكلىمىنى قويۇۋېتىپ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياخشى شارائىت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى گېرمانىيە كارخانىلىرى جۇڭگونىڭ يېڭىدىن ئېچىۋېتىلگەن ساھەسىدىكى تاشقى ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى ئورتاق قوغداش، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىساد ساھەسىنىڭ خەلقئارا ئۆلچىمىنى ئورتاق كېڭىشىپ بېكىتىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە مەبلەغ سېلىشىنى قارشى ئالىدۇ، 2020-يىلى گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى بولغان مەزگىلدە ياۋروپا- جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملاشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ.














中央广播电视总台 央广网 版权所有