ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:24

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش 9-ئاينىڭ 6-كۈنى بېيجىڭدا نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىش كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى سۈپىتى بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى»نى چۆرىدەپ كېڭىشىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەكلىپ بېجىرىشنى كېڭىشىش خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ مۇھىم شەكلى بولۇپ، تەكلىپ بەرگۈچى بىلەن بېجىرگۈچى ئورۇننىڭ بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشى، پىكىر ئالماشتۇرۇشى، تەكلىپ بېجىرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە يېمەكلىك بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئالاھىدىلىك ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېتىز بېشىدىن تارتىپ داستىخانغىچە بولغان بارلىق جەريانىنى سۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

12 تەكلىپ بەرگۈچى ئورۇن ۋە ئەزالار ۋەكىللىرى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنچىلىق كاپالىتى ۋە سىياسەت تىرىكى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ھەمكارلىشىش، بازار سۇبيېكتىنىڭ قاتنىشىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ مەسلىھەت بەردى. 60دىن كۆپرەك ئەزا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ كۆچمە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش سۇپىسىدا پىكىر بەردى.

ئەزالار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى قانۇنىنى تېزدىن تۈزۈپ، سۈرۈشتۈرۈش ئوبيېكتىنى كېڭەيتىپ، سۈرۈشتۈرۈش سۇبيېكتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۈرۈشتۈرۈش ئاساسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قانۇنىي جاۋابكارلىقنى چىڭىتىش كېرەك.

يېڭىچە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتى، چوڭ تاللا بازىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى ۋە نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ھالقىلارنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالدىن ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرھال ۋە كىچىك دېھقان ئائىلىلىرىگە قارىتا ئاددىي، پەرقلىق سۈرۈشتۈرۈش چارىسىنى قوللىنىش كېرەك. ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىغا سۈرۈشتۈرۈش جابدۇق ئەسلىھەلىرىنى سەپلەش، ئۇچۇر يىغىش ۋە بەلگە ئىشلىتىش تولۇقلىمىسى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ سۈرۈشتۈرۈش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك. بۈيۈك مەلۇمات، رايون- زەنجىرى قاتارلىق زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، پاراسەت بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى سانلىق مەلۇماتىدىن تەڭ بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر تۇتاش ئېچىۋېتىلگەن، تەڭ بەھرىلىنىدىغان، تەڭ قوللىنىلىدىغان، ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەيدىغان سۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش ئۇچۇر سۇپىسىنى بالدۇرراق بەرپا قىلىش كېرەك. ئالاقىدار قانۇن-سىياسەتلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، سۈرۈشتۈرۈش ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، سۈرۈشتۈرۈش ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە سۈرۈشتۈرۈشكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، سۈرۈشتۈرۈشتىن پايدىلىنىدىغان ياخشى كەيپىياتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك .

تەكلىپ بېجىرگۈچى ئورۇن- يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، سودا مىنىستىرلىقى، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئەزالار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە ۋە تەكلىپلەرگە ئىنكاس قايتۇردى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有