ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 9-ئاينىڭ 7-كۈنى كەچ سائەت 11 دىن 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەرگىچە، بېيجىڭ تيەنئەنمېن رايونىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن، تەخمىنەن 90 مىڭ ئادەم مانېۋىر ۋە نەق مەيدان كاپالىتى خىزمىتىگە قاتناشقان .

تۇنجى قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر تەبرىكلەش يىغىنى مۇراسىمى، پارات، ئاممىۋى نامايىش، بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتى، سەھنە ئالماشتۇرۇش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ئالتە تۈرلۈك مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ پۈتۈن جەريانى، يادرولۇق ئامىللىرىنىڭ ئىچكى باغلىنىشى نۇقتىلىق جىپسىلاشتۇرۇلۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كاپالەتلىك قىلىش ۋە قوماندانلىق قىلىش خىزمەتلىرى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلۈپ، مانېۋىر توغرا، تەشكىللىك، تەرتىپلىك بولۇپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有