ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ بۇ يىلنىڭ ئالدىنى ئۈچ پەسىلىدە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 180مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 18:58

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 9-ئايغىچە، ئاپتونوم رايون كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 183 مىليون 858 مىڭ 400 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.9 ئاشقان؛ ساياھەتچىلىك كىرىمى 304 مىليارد 638 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 40.78 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

بۇ يىل « 1-ئۆكتەبىر » ئالتۇن ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ «تور قىزىق مەنزىرە نۇقتىسى»دا ساياھەتچىلەر داۋاملىق كۆپەيدى. ئەنئەنىۋى مەنزىرە رايونى قاناس دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەن 10 مىليون 210 مىڭ ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋالدى، مايتاغ _ كۇچا تاشيولى، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازىرى، قورغاس _ جۇڭگو _ قازاقىستان خەلقئارا ساياھەت رايونى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

بۇ يىل ئالتۇن ھەپتىلىكىدە،شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قىزىل ساياھەتچىلىك جانلاندى. ئۈرۈمچى شەھىرى 8-ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى خاتىرە سارىيى، شىخەنزە شەھىرى شىنجاڭ بىڭتۈەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى، ئارال شەھىرىدىكى 359 لۈيى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئورنى قاتارلىقلار نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有