ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگوچە» كۈتۈنۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-08 19:00

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

قېرىلىشىش دولقۇنى يېتىپ كەلدى، «جۇڭگوچە» كۈتۈنۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى باشلاندى. مەملىكەتلىك ياشانغانلار خىزمىتى ئىشخانىسى ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 2050-يىلنىڭ ئالدى-كەينىدە جۇڭگودا ياشانغان نوپۇس 487مىليونغا يېتىدىكەن. ياشانغانلارنى ئاخىرقى ئۆمرىنى قانداق قىلغاندا ساغلام، بەختلىك، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مۈشكۈل ۋەزىپە بولۇپ قالدى.

شاڭخەي پۇدۇڭ يېڭى رايونىنىڭ لۇجيازۇيدا ئولتۇرۇشلۇق جىن جمېي سۇنغان سۆڭىكىنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندىن كېيىن، قىزى ئۇنى ئۆيدە يالغۇز قويۇپ قويۇشتىن خاتىرجەم بولالمىدى، ئەمما ياشانغانلار ساناتورىيەسىگە بېرىش، دوختۇرخانىدا يېتىشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. ھىلىمۇ ياخشى مەھەللىدە ئۇنىۋېرسال ياشانغانلار مۇلازىمەت مەركىزىي بار بولۇپ، يېقىن ئەتراپتا سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قولايلىق بولدى، بۇ يەردە يەنە تونۇش ھەمراھلارمۇ بار ئىدى.

تەكشۈرۈشتىن ئايان بولۇشىچە، %90 ياشانغان ئۆيىدە كۈتۈنۈشنى تاللىغان. نۆۋەتتە دۆلىتىمىز مەھەللىلەرنى تايانچ، ئائىلىنى ئاساس قىلغان كۆپ خىللاشقان كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرماقتىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك پەرۋىش سۇغۇرتىسى تۈزۈمى سىنىقىنى قانات يايدۇرماقتىكەن.

جۇڭگو ياشانغانلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ يۈشاۋ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كۈتۈنۈش يولىدا مېڭىش ناھايىتى مۇھىم. گەرچە دۆلىتىمىزدە ياشانغان نوپۇس 250 مىليونغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ«كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىش قىلىش»تەك تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىز، ياشانغانلارغا ۋاپادار بولۇش، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەش، ئۆز-ئارا يار-يۆلەك بولۇش مەدەنىيەت ئەنئەنىمىز بار، «پاراسەتلىك كۈتۈنۈش» قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنىڭ قوللىنىلىشىمۇ «ياشانغانلار»نى جۇڭگودا كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

كۈتۈنۈش مۇلازىمەتچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەتنى چىقىرىپ، ياشانغانلار ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن، ئائىلىنى ئاساس، مەھەللىنى تايانچ، ئاپپاراتنى تولۇقلىما قىلغان، داۋالاش بىلەن كۈتۈنۈش بىرلەشتۈرۈلگەن «جۇڭگوچە» كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئاساسى جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ قېرىلىشىشقا تاقابىل تۇرۇش قەدىمى پائال ۋە مۇقىم بولماقتا.

163مىڭ 830 تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئاپپاراتى ۋە ئەسلىھەسى، 7 مىليون 463مىڭ تۈرلۈك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كارىۋىتى، %93 كۈتۈنۈش ئاپپاراتى ئوخشىمىغان شەكىلدىكى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە، يېڭى دەۋردىكى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتماقتا.

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ «كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكىرى» قاتارلىق ھۆججەتلەرگە ئاساسەن، 2022-يىلغا بارغاندا، مەھەللىلەردە %100 كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئەسلىھەسى سەپلىنىدۇ، ئىككى مىليون كۈتۈنۈش پەرۋىشكارى تېزدىن تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈلىدۇ، كۆپ خىل ياشانغانلار پەرۋىش سۇغۇرتا مەھسۇلاتى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، جۇڭگوچە كۈتۈنۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كۆپ خىللاشقان، كۆپ قاتلاملىق كۈتۈنۈش مۇلازىمەت ئېھتىياجى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلىدۇ، «جۇڭگوچە» كۈتۈنۈش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يەنىلا داۋاملىشىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有