ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستانسىمىز NBA نى ئۇلاپ كۆرسىتىشىنى دەرھال ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 09:59

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى يەنە بىر قېتىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا كەسپىي ۋاسكېتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى يەنى NBAنى ئۇلاپ كۆرسىتىشنى دەرھال توختىتىشنى قارار قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بىز ياپونىيەدە پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتقان NBA نىڭ لىدىرى ئادام سېلۋېرنىڭ خيۇستون راكېتا كوماندىسىنىڭ باش دىرېكتورى مورېينىڭ شياڭگاڭغا چېتىشلىق نامۇۋاپىق سۆزلەرنى قىلغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. ئادام سېلۋېرنىڭ مورېينىڭ ئەركىن سۆز سۆزلەش ھوقۇقىنى قوللايدىغانلىقى ھەققىدىكى سۆزلىرىدىن قاتتىق نارازى بولدۇق ۋە بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز. بىزنىڭچە دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا خىرىس پەيدا قىلىدىغان ھەرقانداق سۆز ھەرىكەتلەر ئەركىنلىك كاتېگورىيەسىگە كىرمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزىي رادىيو تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تەنتەربىيە قانىلى NBA نىڭ پەسىلدىن ئىلگىرىكى مۇسابىقىسى يەنى ( جۇڭگو مۇسابىقىسى) نىڭ نۆۋەتتىكى ئۇلاپ كۆرسىتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى دەرھال توختىتىپ، NBA غا چېتىلىدىغان بارلىق ھەمكارلىق ئالاقىسىنى دەرھال تەكشۈرۈشنى قارار قىلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有