ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قۇم تىزگىنلەشتىكى ھەيران قالارلىق شەخس لى بۇخې

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:12

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئوردۇستىكى خوبچى قۇملۇقى جۇڭگودىكى 7-چوڭ قۇملۇق، ئىلگىرى سېرىق قۇم بىلەن قاپلانغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە باشقىچە تۈسكە كىرىپ، يېشىللىققا پۈركىنىپ، قۇم تىزگىنلەش مۆجىزىسىگە ئايلاندى. بۇ مۆجىزە قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ نەچچە ئون يىل چىڭ تۇرۇشى ۋە بەدەل تۆلىشىدىن بارلىققا كەلدى، لى بۇخې ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.

ياش ۋاقتىدا كىچىك دوستلار بىلەن بىللە ئويناۋاتقان بوستانلىقنىڭ كۈندىن كۈنگە قۇملۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، لى بۇخې چوڭ بولغاندا پۇل تاپقاندىن كېيىن، چوقۇم قۇمنى تىزگىنلەپ كۆچەت تىكىپ، بوستانلىقنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارارىغا كەلگەن ئىدى.

2006-يىلى لى بۇخې ئىشلەمچىلىك قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، ئېكولوگىيەلىك ساياھەت شىركىتى قۇرۇپ، 60 مىڭ مو چۆللۈكنى ھۆددىگە ئېلىپ، بىر تەرەپتىن كۆچەت تىكىپ، بىر تەرەپتىن ساياھەتچىلىكنى تۇتتى. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە يۈرىكىدىكى ئاچچىقنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇر قىلىشى تەس ئىدى. تور توقۇش، قۇم بارىخانلىرىنى تۇراقلاشتۇرۇش، كۆچەت تىكىش، سۇ تارتىپ سۇغىرىشتا كۆچەتلەرنى توشۇشتىلا قانچىلىك كونا يۈك ئاپتوموبىلى بۇزۇلۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئايالى دائىم چاقچاق قىلىپ: ھەر قېتىم كىر يۇغاندا يانچۇقىڭىزدىن قۇم چىقىدۇ، قاچان پۇل چىقار-ھە ؟ » دەيتتى، چاقچاق قىلىپ بولغاندىن كېيىن يولدىشىنىڭ غايىسى ۋە ئىشىنى ئاۋۋالقىدەكلا قوللايتتى. ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى، ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىكى ئەسلىي مەقسىتى لى بۇخېنىڭ قىيىن ئۆتكەللەردىن ئارقا-ئارقىدىن بۆسۈپ ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولدى. ئون يىللىق تىرىشىش نەتىجىسىدە ئىلگىرىكى قۇملۇق ئاخىرى يېشىللىققا پۈركەندى، قۇملۇقنى يېشىللاشتۇرۇش %3 تىن %37 كە يەتتى، يايلاقتا يامغۇر سۈيى كۆپىيىپ، قۇم چېكىنىپ يېشىللىشىپ، ئېتىز-ئېرىق، چارۋىچىلىق مەيدانلىرىنىڭ كۆلىمى يىلدىن يىلغا كېڭەيدى. ئون نەچچە يىل ئىچىدە شىركەت ئېكولوگىيەلىك ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 80 ئائىلىلىك دېھقان چارۋىچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى، يەنە كەنت ئاھالىلىرىگە 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قۇملۇق يېرىنى ئوبوروت قىلىش ھەققى بېرىپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

لى بۇخې مۇنداق دېدى: مانا بۇ 10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەرنىڭ تۇنجى قەدىمى، كەلگۈسىدە شىركەت يەنە ئورمان ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有