ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەخسۇس نازارەتنى قانات يايدۇرۇپ پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغدىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:13

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا مەركەز دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش مەخسۇس نازارەتنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

بۇ قېتىمقى نازارەت قىلىش تەشكىلىي تەييارلىق، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش، نازارەت قىلىش دوكلاتى شەكىللەندۈرۈش ۋە قايتما ئىنكاسلىق تۈزىتىش قاتارلىق تۆت باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، 12-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدۇ. ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى باش بولۇپ، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئەدلىيە مەمۇرىيىتى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى، قاتناش-تىرانسپورت، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، باج، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ئىچىدىكى شەھەر ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماقلارنىڭ قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش،پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىدۇ.

جايلاردىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئىشخانىلىرى مەركەز دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دوكلات ئاڭلاش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلارغا بېرىپ زىيارەت قىلىدۇ، پۇقراۋى كارخانىچىلار، جامائەت خەۋپسىزلىكى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىدىكى دېلو بېجىرگۈچىلەر، ئادۋوكاتلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتلىشىش، باھالاش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش، تەكشۈرۈش، ئامما ئارىسىغا ۋە ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈش، ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ھەققىدىكى پىكرىنى ئاڭلاش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، ئۆز رايونىنىڭ قانۇنچىللاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوغداش جەھەتتىكى خىزمەت ئەھۋالى ۋە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有