ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ تېز يوللانما كەسپى ئۇدا بەش يىل دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:18

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

10-ئاينىڭ 9-كۈنى-50-نۆۋەتلىك دۇنيا پوچتا كۈنى، دۆلەت پوچتا ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ما جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزنىڭ پوچتا كەسپى داۋاملىق ياخشى يۈرۈشۈپ، ئامىل بايلىقى داۋاملىق جانلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مۇساپىسى تېزلىتىلىپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىشتا پائال نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈمى كۈنسايىن كۆرۈنەرلىك بولماقتا. 2018-يىلى، ئېلىمىز پوچتا كەسپىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى بىر تىرىليون 234 مىليارد 520 مىليون يۈەنگە، كەسپىي كىرىمى 790 مىليارد 470 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %26.4 ۋە %19.4 ئاشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يوللانما كەسپىنىڭ مىقدارى 50 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %26.6 ئېشىپ، ئۇدا بەش يىل دۇنيادا 1-ئورۇندا تۇردى، توردىكى پارچە سېتىش سودا سوممىسىنىڭ يەتتە تىرىليون يۈەنگە يېقىنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىش ئورنىدىن يېڭىدىن 200 مىڭدىن ئارتۇقى كۆپىيىپ، دۆلەتنىڭ مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خېيىم-خەتەردىن ساقلىنىش سىياسىتىنى يولغا قويۇشىغا پائال تۆھپە قوشتى.

ما جۈنشېڭ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز دۇنيادىكى تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭىدىن گۈللەنگەن يوللانما بازىرىغا ئايلاندى، پوسۇلكىلارنى تېز يەتكۈزۈش مىقدارى ئامېرىكا، ياپونىيە، ياۋروپا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىدىن ئېشىپ، يەر شارىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىگە %50 تىن يۇقىرى بولۇپ، يەر شارى پوچتا كەسپىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مەنبەسى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچىسىغا ئايلاندى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有