ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ ئامۇرسوم بېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭكى بىلەن تەڭ كۈچكە ئىگە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 16:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: 2019-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئامېرىكا «فېدېراتسىيە خاتىرىسى»دە جۇڭگونىڭ ئامۇرسوم بېلىقىنى ئامېرىكىغا چىقىرىشىغا دائىر ئاخىرقى قائىدە ئېلان قىلىنىپ، جۇڭگونىڭ ئامۇرسوم بېلىقىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئامېرىكىنىڭكى بىلەن تەڭ كۈچكە ئىگە دەپ جەزملەشتۈرۈلدى. جۇڭگو بۇنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئامېرىكىغا ئامورسوم بېلىقىنى داۋاملىق ئېكسپورت قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە ئۈچ دۆلەتنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان ئامۇرسوم بېلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسى ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ھۆججەتلەرنى تەكشۈرۈشى ۋە نەق مەيداندا تەكشۈرۈشىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتكەن.

ئامېرىكا دۆلىتىمىزنىڭ ئامۇرسوم بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرىنچى چوڭ ئېكسپورت بازىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئامۇرسوم بېلىقى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %90 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ، بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ دۆلىتىمىز ئامېرىكىغا چىقىرىدىغان ئامۇرسوم بېلىقى مەھسۇلاتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تەڭ كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈشى ئامېرىكىغا سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىش سودىمىزغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有