ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 17:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ھەر دەرىجىلىك تاماكا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئالاقە تورى ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق تاماكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە سېتىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرغان.

دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى مەخسۇس سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۇقتىلىق رايونلاردىكى تاماكا مەخسۇس سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئالاقىدار قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاساسلىق ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئېلېكتىرونلۇق تاماكا دۇكىنىنى ۋاقتىدا تاقاپ، ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتىنى مال جاھازىسىدىن چۈشۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلماقتا. تاماكا مەخسۇس سېتىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يەنە پۈتۈن تورنى ھەرىكەت ھالىتىدە نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تورنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىدىكى ئېلېكتىرونلۇق تاماكا مەھسۇلاتلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرىدۇ. دۆلەتلىك تاماكا مەخسۇس سېتىش ئىدارىسى تېخىمۇ قاتتىق نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانۇن - بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئېلېكتىرنلۇق تاماكا ياساش، سېتىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.










中央广播电视总台 央广网 版权所有