ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى تور سۇپا كارخانىلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 17:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خاڭجۇدا « تور تىجارىتى پائالىيىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا مەمۇرىي يېتەكچىلىك قىلىش سۆھبەت يىغىنى» ئېچىپ، جىڭدۇڭ، كۇەيشوۋ، مېيتۈەن، پىندودو، سۇنىڭ، ئالىبابا، يۈنجى، ۋېيپىنخۇي، بىر دورا تورى قاتارلىق 20 نەچچە سۇپا كارخانىسىنى يىغىنغا قاتنىشىشقا چاقىردى.

سۆھبەت يىغىنىدا، دۆلەتلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى يېقىنقى مەزگىلدە تور تىجارىتى پائالىيىتىدە ساقلانغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۆرسەتتى،بۇ سۇپا رىقابىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى، « ئىككىدىن بىرنى تاللاش » مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئالاقە تورى ساھەسىدىكى« ئىككىدىن بىرنى تاللاش»، « مونوپول سودا قىلىش»قىلمىشى «ئېلېكتىرونلۇق سودا قانۇنى» دا مەنئى قىلىش ئېنىق بەلگىلەنگەن قىلمىش، شۇنداقلا« مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، « ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن - نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگىمۇ خىلاپ بولۇپ، ھەم ئادىل رىقابەت تەرتىپىنى بۇزدى ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان« ئىككىدىن بىرنى تاللاش » قىلمىشىغا قارىتا قانۇن بويىچە مونوپوللۇققا قارشى تۇرۇش تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدۇ.







中央广播电视总台 央广网 版权所有