ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2-نۆۋەتلىك خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ « جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تارماق مۇنبىرى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى، خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2-نۆۋەتلىك خۇڭچياۋ خەلقئارا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ «جۇڭگونىڭ 70 يىللىق تەرەققىياتى ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تارماق مۇنبىرى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «تەرەققىياتنى تۈزەش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنەيلى» دېگەن تېمىدا باش مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى .

بۇ مۇنبەرنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ئاقىللار ئامبىرى، تاراتقۇ ساھەسىدىكى 400 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有