ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن كۆرۈشتى.

لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن فىرانسىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر شۇنداقلا دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەر. رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن سىز چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مول نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلدىڭلار. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە جۇڭگو بىلەن فىرانسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى ئىككى تەرەپكە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپاغا شۇنداقلا دۇنياغا پايدىلىق.

لى كېچياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇغراپىيەلىك بەلگە كېلىشىمى سۆھبىتىنى تاماملىدى، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو فىرانسىيە بىلەن يادرو ئېنېرگىيەسى، ئاۋىياتسىيە، 3-تەرەپ بازىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش، سودىلاشتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرلەرنى بالدۇرراق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئىسلاھاتى مەسىلىسىدە مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا ۋە كۆپ تەرەپچىلىكنى تېخىمۇ ياخشى قوغدايدۇ.

ماكرون مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە فىرانسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، فىرانسىيە جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ مەبلەغ سېلىش كېلىشىمى سۆھبىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ. ۋاڭ يى، خې لېفىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 

中央广播电视总台 央广网 版权所有