ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى يېپىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:38

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا يېپىلدى. يىغىندا جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قارار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن يېڭى نەتىجىلەرگە يۇقىرى باھا بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە ئومۇمىي يىغىندا ماقۇللانغان قارارنى تامامەن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە بىردەك مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى جۇڭگو خەلقىنىڭ «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش غەيرىتىنىڭ ئاساسى، «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى»نىڭ مەخپىي نومۇرى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇش مۆجىزىسى ۋە جەمئىيەتنى ئۇزاق مۇددەت مۇقىملاشتۇرۇش مۆجىزىسىنى يارىتىشىنىڭ كاپالىتى. مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەت نىشانىنى بېكىتىپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش رامكىسىغا كىرگۈزۈپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىغا كەڭ بوشلۇق ياراتتى.

ۋاڭ ياڭ خۇلاسە سۆزى قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس دائىمىي كومىتېت يىغىنى ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى ۋە سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى چوڭ ئەندىزىسىدە تۇرۇپ، مەركەز سىياسىي كېڭەش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىي ماھىيىتى، يادرولۇق مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى «دېگەن نېمە»، «نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ»، «قانداق قىلىدۇ» دېگەندەك زور مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有