ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

گوۋۇيۈەن «تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا «تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى.

«پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تاشقى مەبلەغنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ئالاھىدىلىك، يېڭى خىرىسقا بىرلەشتۈرۈپ، بازار ھاياتى كۈچىنى قوزغىتىش، مەبلەغ سېلىش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلار پۇقراۋى مۇئامىلىسىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئاشكارا، ئېنىق، كۆزلىگىلى بولىدىغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش مۇھىتى بەرپا قىلىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، «قويۇۋېتىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش كېرەك. «پىكىر»دە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش قاتارلىقلار ھەققىدە 20 تۈرلۈك سىياسەت-تەدبىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有