ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:42

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى پەرۋاز مۇساپىسى-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش خاتىرىسى» دېگەن تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى. ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: خەلق ھاۋا ئارمىيەسى ئىنقىلابىي ئۇرۇش يىللىرىدا بارلىققا كېلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە بەرپا قىلىنىپ، جاپالىق كۈرەش مۇساپىسىدا تەرەققىي قىلىپ زورايغان. 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قەتئىي رەھبەرلىكىدە، خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى پايانسىز بوشلۇقتا كۈرەش قىلىپ، ئاسماندا پەرۋاز قىلىش ئارزۇسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قۇدرەتلىك زامانىۋى خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى تېزدىن قۇرۇش پىلانىغا ئاساسەن باتۇرلۇق بىلەن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىدى.

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، «ئاسمان بوشلۇقىنى بىر گەۋدە قىلغان، ھۇجۇم بىلەن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى تەڭ ھازىرلىغان قۇدرەتلىك خەلق ھاۋا ئارمىيەسىنى تېزدىن قۇرۇش» ئۇلۇغ چاقىرىقىنى چىقىرىپ، خەلق ھاۋا ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك پىلاننى ئوتتۇرىغا قويدى. خەلق ھاۋا ئارمىيەسى يېڭى باشلانمىدا تۇرۇپ، تارىخىي ھالقىشنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

70 يىللىق شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن خەلق ھاۋا ئارمىيەسى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش روھى، ئاسماندا كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك ئىرادىسى بىلەن، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن ۋەتەننىڭ ئاسمىنىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭگو ئارزۇسى، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى قۇدرەتلىك كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有