ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ ياڭ مىسىر، ئومان، لائوستا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:43

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ مىسىر پارلامېنتنىڭ باشلىقى ئەلى، ئومان دۆلەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى مۇنزىرنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە يۇقىرىقى ئىككى دۆلەتتە رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت قۇرۇش فىرونتى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى سەيسۇڭپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، 11-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 19-كۈنىگىچە لائوستا رەسمىي دوستانە زىيارەتتە بولىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有