ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى» ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 10:35

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى.

«پىلان پروگراممىسى»دا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2018-يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە مۇنۇلارنى جاكارلىدى: چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوللاپ ۋە ئۇنى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى كۈچەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زامانىۋى ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدىكى ئىسلاھات ۋە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېنىڭ ماس تەرەققىياتى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۆز-ئارا ماسلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات ئېچىۋېتىش بوشلۇقى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بۇ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ توپلىنىش دەرىجىسى، رايونلارنىڭ باغلىنىشچانلىقى ۋە سىياسەتنىڭ ماسلىشىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، زامانىۋىلاشقان ئىقتىساد سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بۇ پىلان پىروگراممىسى چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە سىياسەتنى تۈزۈشنىڭ ئاساسى، «تەرەققىيات ئارقا كۆرۈنۈشى، ئومۇمىي تەلەپ، رايوننىڭ ماس تەرەققىيات يېڭى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، ماس يېڭىلىق يارىتىش كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇل ئەسلىھەلەر ئالاقىسىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى بىرلىكتە ئاسراش، بىرلىشىپ تۈزەشنى كۈچەيتىش، ئاممىۋى مۇلازىمەتنى قولايلاشتۇرۇش، تەڭبەھىرلىنىشنى تېزلىتىش، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ماس ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك چاڭجياڭ دېلتىسى ئېكولوگىيەسى يېشىل بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئۈلگە رايونى بەرپا قىلىش، يۇقىرى ئۆلچەملىك شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى يېڭى رايونى بەرپا قىلىش، پىلاننى يولغا قويۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق 12 بابقا بۆلۈنگەن. پىلان مۇددىتى 2025-يىلغىچە بولۇپ، 2035-يىلغىچە نەزەر سېلىنغان.

چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىيات پىلان دائىرىسى شاڭخەي شەھىرى، جياڭسۇ ئۆلكىسى، جېجياڭ ئۆلكىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ بارلىق رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئەڭ جانلىق، ئېچىۋېتىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ كۈچلۈك رايونلارنىڭ بىرى، دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇش ئومومىيىتى ۋە ئۇنىۋېرسال ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى» ئېلان قىلىندى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 12-ئاينىڭ 1-كۈنى «چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان پىروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى.