ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 10:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ئالاقىدار جايلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان 8 تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلدى، بۇلار تۆۋەندىكىچە:
خېبېي ئۆلكىسى باۋدىڭ شەھىرى شۈشۈي رايونلۇق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى سۇ شۇفېڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كۈچلۈك بولماي، بۇ رايوندا ئۇدا نۇرغۇن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ–ئىچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مەسلىسى

جياڭشى ئۆلكىسى پىڭشياڭ شەھىرى ليەنخۇا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى ليۇ شياڭنىڭ دۆلەت نامرات ناھىيەلەرنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتە ساختىپەزلىك قىلىش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

خېنەن ئۆلكىسى سەنمېنشيا شەھىرى ميەنچى ناھىيەسى دۇەنسۈن يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق شۇجىسى يۈەن لىدۇڭنىڭ ئېغىر دەرىجىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، قارا گۇرۇھقا چېتىشلىق كۈچلەرنىڭ يېزا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىغا سىڭىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

گەنسۇ ئۆلكىلىك سۇچىلىق نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، نازىرى ۋېي باۋجۈن قاتارلىق كىشىلەر نىڭ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى خىزمىتىدە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىش، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق مەسىلىلىرى.
يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې ئوبلاستى جيەنشۈي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى شۈ لېي قاتارلىق كىشىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ، ناھىيەلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ھوقۇقىدىن كەلسە-كەلمەس پايدىلىنىپ، قالايمىقان ھەق ئېلىش، تىجارەت سودا مۇھىتىغا تەسىر يەتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش قاتارلىق مەسىلىلىرى. گۇيجۇ ئۆلكىسى تۇڭرېن شەھىرى يەنخې تۇجيازۇ ئاپتونوم ناھىيەسى فۇشىڭ كەنتى ئاھالىلەر كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى تيەن يۇڭشيەننىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىغا يان بېسىش قاتارلىق مەسىلىلىرى.

جياڭسۇ ئۆلكىسى ۋۇشى شەھىرى شىشەن رايونلۇق مائارىپ ئىدارىسى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى فېڭ دۇڭيەن قاتارلىق كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيەتتىن چەتنەپ قالايمىقان ھۆججەت تارقىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مەسلىسى.شەنشى ئۆلكىسى شيەنياڭ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شەھەرلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چۈەن ۋاڭجۈننىڭ قارا جەمئىيەتكە، مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق جىنايەتچىلەرگە يانتاياق بولۇش مەسىلىسى.
مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە 19ـنۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4ـئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ«پىروگرامما» ۋە شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ روھنى چىڭ تۇتۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە مەجبۇرىيەت تۇيغۇسى بىلەن مەخسۇس تۈزەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەخسۇس تۈزەشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەيدىغان، ئامما ئۈچۈن باش قاتۇرىدىغان ئىشلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، يۇقىرى- تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى نازارەتچىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تۈزىتىشنى رەت قىلىش، قولىنىڭ ئۇچىدا قىلىش، يۈزەكى تۈزىتىش، ساختا تۈزىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. دۆلەت تۈزۈمى بىلەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ،كاپالەتلىك قىلىش، ئىجرا قىلىشنى نازارەت قىلىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەخسۇس تۈزەش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ھەقىقىي ئايلاندۇرۇپ، پارتىيەمىزنىڭ مەڭگۈ ساغلام بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سەككىز تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلدى

يېقىندا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە ئالاقىدار جايلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان 8 تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلدى،