ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز راككا قارشى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان «ئاقىل فوتوتېرمال ماتېرىيالى»نى تەتقىق قىلىپ چىقتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لياڭ گاۋلىننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا بىر خىل يېڭى ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى، بۇنى نۆۋەتتە كلىنىكىدا دائىم ئىشلىتىلىۋاتقان فوتوتېرمال ماتېرىياللارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى بىر ھەسسىدىن ئارتۇق بولۇپ، فوتوتېرمال راكقا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى ساھەسىدە مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. خەلقئارا ماتېرىيال ساھەسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىلمى ژۇرنال «ئىلغار ئىقتىدارلىق ماتېرىيال» ناملىق ژۇرنالدا يېقىندا بۇ نەتىجە ئېلان قىلىندى.

فوتوتېرمال داۋالاش ئۇسۇلى ئوپېراتسىيە، خىمىيەلىك داۋالاش، رادىيوئاكتىپ داۋالاشتىن كېيىن ئەۋج ئالغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى مىكرو زەخىملىك راكقا قارشى تۇرۇش تېخنىكىسى بولۇپ، ئۇنىڭ تېخنىكىلىق قائىدىسى-فوتوتېرمال ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە دورا ماتېرىيالىنى ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈپ، نىشانلىق پەرقلەندۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۇنى ئۆسمە ئەتراپىغا توپلاپ، يەنە لازېر نۇرى ئارقىلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىنى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ راك ھۈجەيرىلىرىنى ئۆلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز راككا قارشى داۋالاش ئۈنۈمىنى ئاشۇرىدىغان «ئاقىل فوتوتېرمال ماتېرىيالى»نى تەتقىق قىلىپ چىقتى

جۇڭگو پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لياڭ گاۋلىننىڭ تەتقىقات گۇرۇپپىسى يېقىندا بىر خىل يېڭى ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى،