ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

خېنەن، ئەنخۈي، خۇبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىن ھالقىپ ئۆتكەن جېڭجۇ چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ جېڭجۇ شياڭياڭ بۆلىكى، جېڭجۇ فۇياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شاڭچيۇ خېفېي بۆلىكى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا قاتناشقا كىرىشتۈرۈلدى، يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول مۇساپىسى مىڭ كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ ھەممە تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى يەنىمۇ قويۇقلاشتى.

ئەتىگەن سائەت يەتتىدە جېڭجۇ چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ جېڭجۇ شياڭياڭ بۆلىكىدىن تۇنجى قاتنىغان پويىز جېڭجۇ شەرقى ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ خۇبېينىڭ شياڭياڭغا يۈرۈپ كەتتى، يېڭى لىنىيەنىڭ ئېچىلىپ قاتناشقا كىرىشتۈرۈلۈشى بىلەن خېنەننىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىدا ئەسلىدىكى ئاساستا يېڭىدىن يەنە بىر لىنىيە كۆپەيدى، نەنياڭ، پىڭدىڭشەن قاتارلىق جايلاردا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىلدى.

سائەت يەتتىدىن 26مىنۇت ئۆتكەندە جېڭجۇ فۇياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدىن تۇنجى قاتنىغان پويىز جېڭجۇ شەرقى ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، جېڭجۇ فۇياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا جېڭجۇ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبقا قاراپ كەيفېڭ شەھىرى، شۈچاڭ شەھىرى، جۇكۇ شەھىرىدىن ئۆتۈپ ئاخىرى ئەنخۇينىڭ فۇياڭ شەھىرىگە بارىدۇ.

بېيجىڭ شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شاڭچيۇ خېفېي بۆلىكىدىمۇ 12-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي قاتناش باشلاندى، بۇ لىنىيە ئىشلەمچىلەر ۋە يولۇچىلار ئېقىمى مەركەزلەشكەن ئەنخۇي فۇياڭ بىلەن جېڭجۇ فۇياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا جىپسىلىشىدىغان بولۇپ، يېڭى بىر يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈگۈنىنى شەكىللەندۈرىدۇ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان چاغانلىق قاتناشقا تىرانسپورت كۈچى جەھەتتىن مەدەت بېرىدۇ، بۇ يەردىن غەربكە قاراپ جېڭجۇدا بېيجىڭ گۇاڭجۇ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىمالدا شاڭچيۇدا شۈجۇ لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقى شىمالدا خېفېي ئارقىلىق بېيجىڭ شاڭخەي يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى بىلەن تۇتىشىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدا چاڭجياڭ خۇەيخې رايونى بىلەن چاڭجياڭ دېلتىسى رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئالاقىنى راۋانلاشتۇرىدىغان يەنە بىر تېز سۈرئەتلىك يولنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تەرەپ تەرەپكە تۇتاشقان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدىكى ئۈچ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا قاتناش باشلاندى

خېنەن، ئەنخۈي، خۇبېيدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىدىن ھالقىپ ئۆتكەن جېڭجۇ چۇڭچىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ جېڭجۇ شياڭياڭ بۆلىكى، جېڭجۇ فۇياڭ يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، بېيجىڭ شياڭگاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ شاڭچيۇ خېفېي بۆلىكى 12-ئاينىڭ 1-كۈنى بىرلا ۋاقىتتا قاتناشقا كىرىشتۈرۈلدى