ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئېلىش-رەتكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 09:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئېلىش-رەتكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى» قاتارلىق شياڭگاڭدىكى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بورىنىدا ئىپادىسى ناچار بولغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىدى .

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، ئامېرىكا جۇڭگونىڭ قەتئىي قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيە قانۇن لايىھەسى»نى جاھىللىق بىلەن ئىمزالاپ قانۇنغا ئايلاندۇردى، بۇ خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىق، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشقانلىق، جۇڭگو بۇنىڭغا قەتئىي پوزىتسىيە بىلدۈردى. ئامېرىكىنىڭ يولسىز قىلمىشىغا قارىتا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى شۇ كۈندىن باشلاپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئېلىش-رەتكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى توختىتىشنى قارار قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «ئامېرىكا دۆلەت دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى»، «ئامېرىكا خەلقئارا ئىشلار دېموكراتىيە جەمئىيىتى»، «ئامېرىكا خەلقئارا جۇمھۇرىيەت تەتقىقات ئورنى»، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش»، «ئەركىنلىك ئائىلىسى» قاتارلىق شياڭگاڭدىكى نىزامغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش بورىنىدا ئىپادىسى ناچار بولغان غەيرى ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنى جازالايدۇ. جۇڭگو ئامېرىكىنى خاتالىقنى تۈزىتىپ، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا قول تىقىدىغان، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىدىغان ھەرقانداق سۆز-ھەرىكەتلەرنى توختىتىشقا دەۋەت قىلىدۇ، جۇڭگو ۋەزىيەت تەرەققىياتىغا ئاساسەن، يەنىمۇ زۆرۈر ھەرىكەت قوللىنىپ، شياڭگاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئېلىش-رەتكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلدى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شۇ كۈندىن باشلاپ ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئايروپىلانلىرىنىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ دەم ئېلىش-رەتكە سېلىش ئىلتىماسىنى تەستىقلاشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى قارار قىلغانلىقىنى،