ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-10 18:19

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى نۆۋەتتىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە چىڭ، ياخشى تۇتۇشى، رەھبەرلىك بەنزىلىرى مەخسۇس ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇپ مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇزاكىرە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەخسۇس تېما بويىچە ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، سۆزنىڭ روھىي ماھىيىتى ۋە خىزمەت تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى ئاڭلىق ھالدا سۆزنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مەڭگۈلۈك تېما ۋە بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئۆمۈرلۈك تېمىسى سۈپىتىدە بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ياخشى ئىشلەپ، باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى باشلاش، ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇش، ياخشى ئىشلەش، ياخشى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش»نى زۆرۈر دەرسلىك، دائىم ئۆگىنىدىغان دەرسلىك قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بىلەن «سېلىشتۇرۇپ»، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە قائىدىسى بىلەن «سىكاننېرلاپ»، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسى بويىچە «كۆزىتىپ»، ئەجدادلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار، ئىلغار تىپلار بىلەن «سېلىشتۇرما» قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۈزلۈكسىز سوراپ، ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، بۇرچنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ، زىممىسىگە ئېلىپ، باشتىن-ئاخىر ئەسلى مەقسەتنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەسىلىگە توغرا قاراش جاسارىتى ۋە پىچاقنىڭ بىسىنى ئىچىگە قارىتىش ئاڭلىقلىقى بىلەن ئەسلى مەقسەتكە خىلاپ تۈرلۈك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ تۈرلۈك تۈزىتىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، «ئاخىرى چىقمايدىغان» قۇرۇلۇشىنىڭ يۈز بېرىشىگە قەتئىي يول قويماسلىقى كېرەك. مەخسۇس تۈزەشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەسلى مەقسەت، بۇرچنى مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، ئىشلەپ ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىي ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنىڭ رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئامما ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان، ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا غەلىبە قىلىش، 13-بەش يىللىق پىلاننى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى زىچ چۆرىدەپ، پۈتۈن يىللىق خىزمەتلەرنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، تۈزۈمنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار، تارماقلار، ئورۇنلار باش تېما تەربىيەسىنىڭ تەجرىبە- ئۇسۇللىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تاۋلاپ، تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق مۇقىملاشتۇرۇپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈشى كېرەك. تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنىڭ قاتتىقلىقىنى كۈچەيتىپ، نوپۇزلۇق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي ئورگانلار، رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈم ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈمنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، «باشلامچىلىق» ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش> باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» تارقىتىلدى

مەركەز «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتتى.