ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-01-10 18:30

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 1-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق ئۈنۈملەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. پارتىيەلىك كادىرلار مۇنداق دېدى: يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ قانات يايدۇرۇلغان بۇ قېتىمقى پارتىيەنىڭ مەركەزلىك تەربىيەسى-پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىكى بىرلىكى، سىياسىي جەھەتتىكى ئىتتىپاقلىقى، ھەرىكەت جەھەتتىكى بىردەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، بىز چوقۇم ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تۆت ئاڭنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، تۆت ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىككىنى قوغداشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ باش تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مەڭگۈ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچى ۋە قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش تېما تەربىيەسى جەريانىدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆگىنىشنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

شاڭخەي شەھىرى پۇتو رايونى شىچۈەن يولى كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۇڭ شېڭلى مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆزىدە، ئىلمىي نەزەرىيە-بىزنىڭ خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش، مەسىلە ھەل قىلىشىمىزنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى، قانچە ئۆگەنگەنسېرى شۇنچە ئىشەنچ ۋە كۈچ-قۇۋۋەتكە تولىمىز دېدى، بۇ-قەلبىمىزدىكى ھېسسىياتىمىزنى ھەقىقىي ئېيتىپ بەردى.

باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك كادىرلار مەسئۇلىيەت، ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئەسلى ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلى ئەسەرنى ئۆگىنىپ، كىتاب ئوقۇش كۇرسى، مەركەزلىك ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق، غايە-ئېتىقاد ۋە بۇرچ-مەسئۇلىيەتنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئۆگىنىپ ۋە كۈچەيتىپ، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسى-ھەم غايە-ئېتىقادنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ چىڭىتتى ھەم سىياسىي پەزىلەتنى زور دەرىجىدە ساپلاشتۇرۇپ، زور دەرىجىدە تاۋلىدى.

فۇدەن داشۆسى پارتكوم بەنزىسى 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر مەيدان مەخسۇس دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى. بەنزە ئەزالىرى پەرقلەرنى تەكشۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، بۇ جەرياندا ھەم قىزارتىدىغان، تەرلىتىدىغان جىددىي كەيپىياتمۇ ھەم مەدەت ۋە ئىلھام بېرىدىغان ئازادە، ئىناق كەيپىياتمۇ بار بولدى.

فۇدەن داشۆسى پارتكومىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: باش شۇجى باش تېما تەربىيەسى-پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئېتىقاد ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، روھىي قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ تولۇقلايدۇ دېدى. مەكتىپىمىزدىكى بارلىق پارتىيەلىك كادىرلار بىر يۈرۈش چوڭقۇر ئۆگىنىش، چوڭقۇر سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، پارتىيە ئىچى سىياسىي تۇرمۇشىنىڭ ھەقىقەتەن بىر قېتىم كەسكىن تاۋلاشتىن ئۆتكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

زىمىستان قىشتا، گۈيجۇ ئۆلكىسى جياڭكۇ ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى يۆلەش كادىرى ۋاڭ تيەنخۇا يەنىلا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىنى پۇختىلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلدى. ۋاڭ تيەنخۇا مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئۆگىنىپ، باش تېما تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە بىز قوبۇل قىلغان چوڭقۇر تەربىيەنى ئەسلەش ئارقىلىق، كۆپچىلىك پارتىيەگە ھەمدەمدە بولۇش، دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش، خەلققە بەخت يارىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىغا ئىگە بولدى. ھازىر 2020-يىلى بېكىتىلگەن بىر نەچچە تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە، پارتىيەلىك كادىرلار يەنىلا نامراتلارنى يۆلەش مەسئۇلىيەت رايونىغا زىيارەتكە بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلارنىڭ قايتا نامراتلىشىپ كەتمەسلىكى، يېڭىدىن نامرات نوپۇسنىڭ پەيدا بولماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كادىرلارنىڭ جاپا-مۇشەققەت كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ھەقىقىي قولغا كەلتۈرمەكتە.

باش تېما تەربىيەسى مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاشتا، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇش شەرت» دەپ تەكىتلىدى. باش شۇجى بۇ قېتىمقى خۇلاسىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى كۆكخوت شەھىرى يۈچۈەن رايونى چىڭچۈەن كوچا باشقارمىسى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خېشياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى تېخىمۇ مۇھىم تۈرتكە. بىز باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىمىزدە چىڭ ساقلاپ، پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجى، ئالدىرىغان ئىشلىرى، ئارزۇ قىلغان ئىشلىرىنى ھەل قىلىشنى باشتىن-ئاخىر مەھەللە خىزمىتىمىزنىڭ چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، ئاممىنىڭ رازىمەنلىكىنى خىزمەت ئۈنۈمىنى باھالاشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمىگە ئايلاندۇرىمىز.

خۇبېي زېمىنىدا جاڭ فۇچىڭدىن ئۆگىنىش يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرى داۋاملىق قانات يايدۇرۇلماقتا. بىر قاتار مەخسۇس فىلىم، بىر قاتار مەركەزلىك ئۆگىنىش، مۇھاكىمىلەر ئارقىلىق، پارتىيەلىك كادىرلار پايدىلانمىنى تېپىپ، يۆنىلىشىنى چىڭىتتى.

خۇبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئۈلگىلىك رولىدىن پايدىلىنىپ، پارتىيەلىك كادىرلارغا بولغان پاك-دۇرۇس بولۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنى ئادىل ئىشلىتىش، ھوقۇقنى قانۇن بويىچە ئىشلىتىش، ھوقۇقنى پاك ئىشلىتىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئەسلى مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، خىسلەتنى ئۆزگەرتمەي، خالىس تۆھپە قوشۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا باسىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشىلەر قەلبىنى روھلاندۇردى

1-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى خۇلاسىلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ، باش تېما تەربىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئاساسلىق ئۈنۈملەرنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.